بىر ئولتۇرغانچە بىر كۈن ئولتۇرۇش
ئۇزۇن ۋاقىت ئىشخانىدا ياكى ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغاندا، ھەر خىل ساغلاملىق كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئادەتتە ھەمىشە چېنىقىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان تەقدىردىمۇ، بۇ خىل ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ.
بۇستاتقۇنى ئاچماسلىق
ئامېرىكا "مۇھىت تازىلىقىغا نەزەر" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، گاز ئوچاق ئىشلەتكەندە ئۆي ئىچىنىڭ ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى ياخشى بولمىسا، ئۆي ئىچىدىكى كاربون چالا ئوكسىد، كاربون تۆت ئوكسىد ۋە فورمالدېگىد قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
گۆشنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىش
ھايۋاناتلار گۆشى تەركىبىدىكى ئاقسىللار تەركىبىدە، ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۆستۈرۈش فاكتورى IGF-1 بار بولۇپ، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە ھايۋاناتلار گۆشى ئاقسىلىنى زور دەرىجىدە قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ كېيىنكى مەزگىلدە راك كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى، ئوخشاش ياشتىكى باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
مايدا داغلانغان يېمەكلىكلەر
كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماي تىمپىراتۇرىسى زىيادە يۇقىرى بولغاندا، ئاكرېل ئالدېگىد قاتارلىق خېمىيىلىك ماددىلار بار بولۇپ، بۇ خىل راك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلار، ئوخشاشلا تاماكا ئىچىدىمۇ ساقلىنىدۇ ھەمدە ئاسانلا نەپەسلىنىش يولى ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ.
ئۇزۇن ۋاقىت ئۇيقۇ يىتىشمەسلىك
ئۇزۇن ۋاقىت ئۇيقۇ يىتەرلىك بولمىسا، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسەللىكى، سەكتە، سېمىزلىك ۋە باشقا سالامەتلىك مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى كەچتە ئۇخلىغان ۋاقتى 7-6سائەتكە توشماسلىقنىڭ ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى، تاماكا بىلەن ئوخشاش ئىكەن.
يىتەرلىك دەرىجىدە سۇ ئىچمەسلىك
سۇسىزلىنىش ھەر قانچە يېنىك دەرىجىدە بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بەدەننىڭ ئېنېرگىيە سەۋىيىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. سۇسىزلىنىش، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ تېخىمۇ قۇيۇقلىشىشىنى كەلتۈپ چىقىرىپ، يۈرەكنىڭ ھەر قايسى ئەزالارغا ئوكسىگېن ۋە ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ.
چارچاپ قېلىپ چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرماسلىق
بۇنداق قىلغاندا ئەكسىچە ئۈنۈمگە ئىرىشىمىز. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئادەتتە ئولتۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولغان، ئەمما تېنى ساغلام بولغان كىشىلەر، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20مىنۇت چېنىقىپ بەرسە، ئالتە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، چارچاش ھېس قىلمايدىغان بولىدىكەن، ئەكسىچە زېھىنى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولىدىكەن.
كارىۋاتتا يېتىپ يانفون ئويناش
تاختا كومپىيوتىر، ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون قاتارلىقلار چىقارغان كۆك نۇر، قارا رەڭ ماددىسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى توسۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىلوگىيەلىك رېتىمىنى بۇزۇپ، ئادەمدە چارچاش پەيدا قىلىدۇ.