بىر ئىستاكان لىمون سۈيىنىڭ ئۈنۈمى راستىنلا چوڭمۇ؟
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 9413:قېتىم كورۇلدى

 

تۇرمۇشتا بىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئىچىدىغىنىمىز قايناقسۇ، لېكىن قايناقسۇنى ئۇزاق ئىچىپ كەتسىڭىزمۇ، باشقا تەملىك ئىچىملىك ئىچكىڭىز كېلىدۇ، شۇڭا ھەر خىل چاي، قەھۋە، مېۋە شەربىتى يەنە تۈرلۈك ئىچىملىكلەر پەيدا بولغان. سىزگە بىر خىل ئىچىملىكنى تونۇشتۇراي، ئادەم بەدىنىگە پايدىسى بار، ئۇ بولسىمۇ لىمون سۈيى.


 ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ئىچىپ بەرسە زەھەر ھەيدەپ، چىراينى گۈزەللەشتۇرۇپ، ئورۇقلىتىدۇ.
 بۇ كىچىك بىر ئىستاكان لىمون سۈيى ھەقىقەتەن شۇنداق ياخشىمۇ؟ قايناقسۇنىڭ ئورنىغا لىمون سۈيى ئىچىپ بەرسە، لىمون ئىچىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار سۇغا ئۆتۈپ، سۇدىكى بەزى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەركىبىنى كۆپەيتىدۇ، شۇڭا، لىمون سۈيى سالامەتلىككە پايدىلىق .
تىروفولوگىيە جەھەتتىن، لىمون مېۋە-چېۋىگە تەۋە، ئۇنىڭدا ئوزۇقلۇق تەركىبىدىن ۋىتامىن C ئەڭ مول، 100 گىرام لىمون تەركىبىدە 22 گىرام ۋىتامىن Cبار.
1.ۋىتامىن C ئەڭ بالدۇر لىمون تەركىبىدە بايقالغان، لېكىن ئۇنىڭ مىقدارى ھەرگىزمۇ ئەڭ يۇقىرى ئەمەس. يېسسىۋېلەكنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا، ھەر 100 گىرامدا 31 مىللىگىرامغا يېتىدۇ، مايمۇن شاپتۇلىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەر 100 گىرامدا 64 مىللىگىرامغا يېتىدۇ. شۇڭا، لىمون مېۋە-چېۋە ئىچىدە ۋىتامىن C ئەڭ كۆپ ئەمەس.
2. لىمون تەركىبىدىكى ۋىتامىن C 100 گىرام ئىچىدە 22 مىللىگىرامغا يېتىدۇ. ئۇنداقتا بىز ھەر كۈنى قانچىلىك لىمون سۈيى ئىچىمىز ؟ ئادەتتە بىز بىر تال لىموننى ئىككى ياكى ئۈچكە بۆلۈپ سۇغا چىلاپ قويىمىز، بىز بىر كۈندە يېرىم لىمون چىلىغان سۇنى ئىچكەن تەقدىردىمۇ، ئاران 25 مىللىگىرام لىمون سۈيى ئىچكەن بولىمىز. ئۇنداقتا، 25 گىرام لىمون بىلەن چىلىغان لىمون سۈيىدە قانچىلىك ۋىتامىن Cبار؟ ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق بىر كۆكتات ياكى مېۋە-چېۋە ئىچىدىكى ۋىتامىن C سىز بىر كۈن ئىچكەن لىمون سۈيى تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنى تولۇقلىيالايدۇ. شۇڭا، لىمون سۈيى ئارقىلىق ۋىتامىن C تولۇقلاش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.
ئۇنداق بولسا بىز لىمون سۈيىنى ئىچەمدۇق- ئىچمەمدۇق؟ ئالدى بىلەن، مەيلى لىمون سۈيى بولسۇن ياكى قايناقسۇ بولسۇن، بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمىز سۇ تولۇقلاش. ئۇنىڭدىن قالسا، لىمون تەركىبىدىكى لىمون كىسلاتاسى قاتارلىق ماددىلار ئادەتتىكى داغ سۇدىن تەملىك بولغاچقا، بۇنداق تەم ئادەمنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىدۇ.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号