يۈرەك قان تومۇرلارنى ياخشىلايدىغان تائام رىسالىسى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6105:قېتىم كورۇلدى

   كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنىڭ بارغانسېرى كۆپ خىللىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئۈچ يۇقىرى كېسەللىكى(قان بېسىمى يۇقىرى، قاننىڭ ماي تەركىبى يۇقىرى، قاننىڭ قەنت تەركىبى يۇقىرى) ۋە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئادەم يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلمىغاندا، قاندىكى ئەخلەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئاخىرىدا قان نۆكچىسى بولۇپ شەكىللىنىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قاننىڭ قەنت تەركىبىنى تۆۋەنلىتىپ، قان نۆكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان تائاملارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
 
پىياز تۇخۇم قورىمىسى
    كىتەرلىك ماتېرىيال: پىياز، تۇخۇم، تۇز، ماي
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. پىيازنى ئاقلاپ يۇيۇپ توغرايمىز؛ تۇخۇمنى چېقىپ، ئازراق تۇز قوشۇپ قوچۇيمىز.
   2. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، قوچىغان تۇخۇمنى سېلىپ قاتۇرۇپ ئالىمىز.
   3. قازانغا قايتىدىن ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، پىيازنى سېلىپ قورۇيمىز؛ ئاخىرىدا تۇز قوشۇپ تەم تەڭشەپ ۋە قاتۇرۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى سېلىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
   ئەسكەرتىش: پىيازنى قورىغان ۋاقىتتا چوقۇم تېز بولۇش كېرەك، بەك ئۇزۇن ۋاقىت قورۇۋەتسەك، پىياز يۇمشاپ قورىمىنىڭ تەمىگە تەسىر يېتىدۇ.
 
تەرخەمەك قوشۇپ تەملەشتۈرۈلگەن قارا قېرىنقولاق
   كېتەرلىك ماتېرىيال: قارا قېرىنقولاق، تەرخەمەك، ماي، تۇز، تېتىتقۇ، جىياڭيۇ، كۈنجۈت مېيى، ئاچچىقسۇ، شېكەر، قىزىلمۇچ، ئىنچىكە پىنتوزا، يۇمغاقسۈت، سامساق
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. قارا قېرىنقولاقنى ئالدىنئالا سۇغا چىلاپ كۆپتۈرۋالغاندىن كېيىن، سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۋالىمىز ۋە سۈزۈپ سۈيىنى پاكىزە ساقىتىۋىتىمىز.
   2. ئىنچىكە پىنتوزىنى قايناقسۇغا چىلاپ ئالغاندىن كېيىن، سۇغۇق سۇغا چىلاپ قويۇپ قويىمىز.
   3. تەرخەمەك ۋە يۇمغاقسۈتنى توغرايمىز؛ سامساقنى ئۇششاق چانالما قىلىپ توغرايمىز؛ ئۇچلۇق قىزىلمۇچنى كىچىك قىلىپ توغرايمىز.
   4. قارا قېرىنقولاق، تەرخەمەك، يۇمغاقسۈت، سامساق قاتارلىقلارنى بىر قاچىغا سېلىىپ، ئۈستىگە ئۆزىمىزنىڭ تەم خاھىشىغا ئاساسەن مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، كۈنجۈت مېيى، ئاچچىقسۇ، شېكەر، تېتىتقۇ قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.
   5. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، قىزىلمۇچنى سېلىپ قورۇپ تەم چىقىرىمىز؛ كەينىدىن قازاندىكى ماينى قىزىلمۇچ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييار قىلغان يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ قايتا ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

موگو قىيمىلىق دۇفۇ دۈملىمىسى
   كېتەرلىك ماتېرىيال: دۇفۇ، موگو، جىياڭيۇ، شىكەر، كۈنجۈت مېيى، كىراخمال
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. دۇفۇنى يۇۋەتكەندىن كېيىن، ئوتتۇرىسىنى ئويۇپ ئېلىپ قۇرۇقدايمىز.
   2. يۇيۇپ تەييارلىغان موگونى ئۇششاق چاناپ، خۇرۇچ ماتېرىياللىرى ۋە كىراخمال قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز.
   3. تەييارلىغان قىيمىنى دۇفۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇققا سېلىپ، دۇفۇنى تەخسىگە قويۇپ قازاندا دۈملەپ پىشۇرىمىز؛
   4. پىشقاندىن كېيىن، ئۈستىگە ئازراق كۈنجۈت مېيى ۋە جىياڭيۇ قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号