ئون ئۈچ يېشىدا دادا بولغان بالىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6173:قېتىم كورۇلدى
   ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن دېسەك ئۇزۇن ئەمەس، قىسقا دېسەك قىسقا ئەمەس، شۇڭا ھەر ۋاقىت يېشىمىزغا ماس كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىمىز لازىم، بەزىبىر ئىشلارنى بەك بالدۇر باشتىن كەچۈرۋالساق، ناھايىتى چوڭ بەدەل تۆلەپ كېتىمىز. ھېلىقى 13 يېشىدىلا ياش مەزگىلىگە ماس كەلمەيدىغان ئىش قىلىپ دادا بولغان ئەنگىلىيەلىك ئوغۇل بالا، كۆپچىلىكنىڭ يەنە ئېسىدە بارمۇ؟ ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟
   بۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئىسىمى ئافىرغۇ دەيمەن، ئۇنىڭ چىرايى قاملاشقان ئوماق بىر شاكىچىك، لېكىن 13 يېشىدىلا دادا بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ ياش دادىغا ئايلانغان. ئافىرنىڭ كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بىر قىز قوشنىسى بار بولۇپ، ئىككەيلەن چەكتىن ھالقىغا ئىش قىلغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا قىزنىڭ ئانىسى ئافىرغا ئۇنىڭ دادا بولغىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەينى ۋاقىتتا ئافىر گەرچە دەماللىققا قوبۇل قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا چوڭلارنى دوراپ دادا بولۇشقا باشلىغان.
   بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئافىر ئوقۇشنى تاشلاپ، ئۆيدە پۈتۈن زېھنى بىلەن بالا بېقىشقا باشلىغان. بىراق بالنىڭ كۈنسايىن يوغىنىشىغا ئەگىشىپ، ئافىر بۇ بالىنىڭ ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىغان؛ بۇ سەۋەبلىك ئافىرنىڭ كۆڭلىگە بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا گۇمان چۈشكەن.
   دەل بۇ ۋاقىتتا، يەنە بەش ئوغۇل بالا، ئۇ بوۋاقنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇنى ئاڭلىغان ئافىر داڭقېتىپلا قالغان. بالىنىڭ زادى ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ياكى ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئافىر بالىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى تەكشۈرۈشى قىلدۇرغان؛ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بولسا بالا راستتىنلا ئافىرنىڭ ئەمەس چىققان. كېيىنچە ئافىر قايتا-قايتا سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئەسلىدە بۇ ئىشلارنىڭ ، قىزنىڭ ئانىسىنىڭ نام چىقىرىش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنى ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
   ھازىر، ئافىر ئوقۇش تارىخى بولمىغانلىق ۋە ھېچقانداق بىرەر ئارتۇقچىلىقى بولمىغانلىق سەۋەبىدىن كوچىلاردا سەرگەردان بولۇپ ئۆتكەن ھەمدە قەيەرگىلا بارسا كىشىلەرنىڭ بەس-مۇنازىرە قىلىشىغا ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان. ئاخىرىدا جان ساقلاش ھەلەكچىلىكىدە ئوغۇرلۇق قىلغان ئافىر، قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراپ تۈرمىگە سولانغان.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号