ئېغىز پۇراپ قالسا قانداق قېلىش كېرەك؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6189:قېتىم كورۇلدى
   ئېغىز پۇراپ قېلىش، ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدىغان بىر ئىش. بىراق ئادەمنى تېخىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرىدىغىنى، ئېغىزىمىز پۇراپ قالغان بولسىمۇ، ئۆزىمىز بۇنى ئىزچىل تۈردە بىلمەي يۈرۈش ھەمدە يەنە تېخى ناھايىتى خۇشال ھالدا توختىماستىن باشقىلارغا گەپ قىلىپ، باشقىلارنىڭ بىزارلىقىنى قوزغاپ قويۇش.
   ئۇنداقتا، ئېغىز پۇراپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟
   قايناقسۇغا ئازراق "خام ماتېرىيال" قوشۇپ ئىچىپ بەرسەك، ئېغىز پۇراشتىن قۇتۇلۇپ، نەپەسلىنىشمۇ شۇنداق سۈزۈكلىشىپ كېتىدۇ.
قايناقسۇغا يالپۇز قوشۇپ ئىچىش
   ھەمىشە ئېغىزى پۇراپ قالىدىغان كىشىلەر، يالپۇزنى چايغا چىلاپ ئىچىپ سىناپ باقسا بولىدۇ؛ يالپۇز تەركىبىدىكى ئالاھىدە پۇراق، ئادەمدىكى ئېغىز پۇرىقىنى ئۈنۈملۈك ھالدا پەسەيتەلەيدۇ.
قايناقسۇغا زەنجىۋىل قوشۇپ ئىچىش
   ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئېغىزى پۇراپ قالسا، بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا زور مىقداردا باكتىرىيە ۋىرۇسلار پەيدا بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
   بۇنداق ئەھۋالدا، سۇ ئىچكەن ۋاقىتتا سۈيىمىزگە ئىككى پارچە زەنجىۋىل پارچىسى سېلىۋىتىپ ئىچسەك، زەنجىۋىل تەركىبىدىكى كۈچلۈك دەرىجىدە ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمىگە ئىگە ماددىلار بار بولغاچقا، ئۇلار شۆلگەي ئاجرىلىپ چىقىشنى غىدىقلاپ، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتىرىيە ۋىرۇسلارنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشىنى توسىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئېغىز پۇراش ئالامىتىنى يېنىكلىتىدۇ.
قايناقسۇغا لىمون چىلاپ ئىچىش
    لىمون، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋە بولۇپ، ئاياللار چايغا لىمون چىلاپ ئىچسە، ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
   ئېغىزى پۇرايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەنمۇ، لىمون سۈيىنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. لىموننىڭ ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى بار، يەنە ئېغىز بوشلۇقىدىكى زىيانلىق باكتېرىيەلەرنىمۇ يوقىتىپ، ئېغىزدىكى غەلىتە پۇراقلارنىمۇ يوقىتالايدۇ.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

چەتئەللىك قىزنىڭ قوسىقىدىن 11جىڭلىق غەلىتە ئۆسمە چىقتى

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号