ئۆزى يالغۇز قالغان ئىتىپ يېيىشكە ماس كېلىدىغان تائاملار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6156:قېتىم كورۇلدى
   بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ تائاملار، بىر ئىككى ئادەم ئۈچۈن تەييارلاشقا ماس كېلىدىغان بولۇپ، تەييارلاش ئۈچۈن بەك كۆپ ۋاقىت كەتمەيدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆزىڭىز يالغۇز قالغاندىمۇ، تاماقنى ئوبدان يىيىشنى ئۇنۇتماڭ!
 
 توخۇ گۆش قورىمىسى قاچىلىق تامىقى
   كىتەرلىك ماتېرىيال: مىفەن، توخۇ تۆش گۆشى، سەۋزە، تەرخەمەك، كۆكمۇچ، خاسىڭ، غولپىياز، سامساق، تۇخۇم(تۇخۇم ئېقى)
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. تەرخەمەك بىلەن سەۋزىنى يۇيۇپ پاكىزلاپ ئۇششاق توغرايمىز؛ كۆكمۇچنى كىچىك پارچە قىلىپ توغرىۋالىمىز؛ سامساق ۋە غولپىيازنى ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.
   2. توخۇ تۆش گۆشىنى ئۇششاق توغرىغاندىن كېيىن، ئۈستىگە توخۇم ئېقى، بىر قوشۇق تېتىتقۇ ھارىقى، ئازراق تۇز قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ 5 مىنۇت قويۇپ قويىمىز؛
   3. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كېيىن، سەۋزە، سامساق ۋە غولپىيازلارنى سېلىپ ئىككى مىنۇت قورۇيمىز؛ كەينىدىن تەرخەمەك بىلەن كۆكمۇچنى سېلىپ بىر مىنۇت قورۇيمىز.
   4. توخۇ تۆش گۆشىنى سېلىپ قورۇپ، توختىماستىن ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز(بولمىسا قازانغا چاپلىشىۋالىدۇ)، توخۇ گۆشىنىڭ رەڭگى ئۆزگەرگەنگە قەدەر قورۇيمىز.
   5. ئۈستىگە ئازراق شىڭچوۋ جىياڭيۇسى قوشۇپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، خاسىڭنى سېلىپ بىر مىنۇت ئەتراپىدا قورىغاندىن كېيىن، مىفەننىڭ ئۈستىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
 
زاخۇيتاڭ چۆپ
   كىتەرلىك ماتېرىيال: چۆپ، بەسەي، موگو، تۇز، ناۋات، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، سەۋزە
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. بەسەينى يۇيۇپ قەلەمچە توغرايمىز؛ سەۋزىنى ئاقلاپ قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز؛ موگونى يۇيۇپ پاكىزلاپ قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز.
   2. قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئاۋۋال موگونى سېلىپ چوڭ ئوتتا قورۇيمىز؛ كەينىدىن سەۋزە بىلەن بەسەينى سېلىپ قورۇيمىز؛ كەينىدىن مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، سۇ قاينىغاندىن كېيىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوتقا ئالماشتۇرىمىز.
   3. چۆپنى سېلىپ، ئۈستىگە تۇز، شىڭچوۋ جىياڭيۇسى، ناۋات قاتارلىقلارنى سېلىپ، چۆپ پىشقۇچىلىك قايناتقاندىن كېيىن ئۇسۇپ ئېلىپ ئىستېمال قىلساق بولىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号