ئۈزۈم ھارىقى ھەققىدىكى بىر نەچچە ھېكايە
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5929:قېتىم كورۇلدى

   ئۈزۈم ھارىقى بوتولكىسىنىڭ سىغىمىنىڭ نېمىشقا پۈتۈن سان ئەمەس بەلكى 750مىللىلىتىر ئېكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۈگۈن ھاراق توغرىسىدا سۆز ئاچمايمىز، بەلكى ئۈزۈم ھارىقى ھەققىدىكى بىر نەچچە كىچىك ھېكايە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   ئۆپكە ھاۋا سىغىمى ھاراق بوتولكىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بەلگىلىگەن
   ئۇ دەۋردىكى ئەينەكتىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار، ھۈنەرۋەنلەر پۈۋلەش ئارقىلىق ياسىلىدىغان بولۇپ، بىر ئىشچىنىڭ نورمال ئۆپكە ھاۋا سىغىمى تەخمىنەن 850-650مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەينەك بوتولكا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى، 750مىللىلىتىرنى ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى قىلىپ تاللىغان.
   ھاراق بوتولكىسىنىڭ تەرەققىيات تارىخى
   17-ئەسىردە، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قانۇنىدا، ھاراق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە ھاراق سودىگەرلىرىنىڭ، ھاراقنى ئىستېمالچىلارغا پارچە قاچىلاش شەكىلىدە سېتىپ بىرىشى بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل مەنزىرە بارلىققا كەلگەن—ھاراق سودىگەرلىرى ھاراقنى قۇرۇق بوتۇلكىغا ئۇسقاندىن كېيىن ئېغىزىغا پۈرۈك سېلىپ ئىتىپ ئىستېمالچىلارغا سېتىپ بەرگەن، ياكى ئىستېمالچىلار ھاراق سېتىۋېلىشقا ئۆزى قۇرۇق بوتولكا ئېلىپ بارغان.
   دەسلىپىدە، ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى تاللىغان بوتولكا ھەجىمى ئوخشاش بولمىغان؛ لېكىن كىيىنچە، پوردونىڭ خەلقئارادىكى تەسىرى كۈچىدىن قورققانلىق ۋە پوردوغا بېرىپ ھاراق ئېچىتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش سەۋەبلىك، ھەر قايسى دۆلەتلەر تەبىئىيلا پوردونىڭ 750مىللىلىتىرلىق ھاراق بوتولكىسىنى ئىشلەتكەن.
   ئەنگىلىيەلىكلەرگە سېتىپ بىرىش ئۈچۈن
  ئەينى يىلىدىكى ئەنگىلىيە، پوردو ئۈزۈم ھارىقىنىڭ ئاساسلىق بازىرى بولۇپ، ئۈزۈم ھارىقى تۇڭغا قاچىلىنىپ سۇ يولى ئارقىلىق توشۇلاتتى؛ سۇ يولىدىكى توشۇش كېمىلىرىنىڭ قاچىلاش ئىقتىدارى تۇڭ بويىچە ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى بىر تۇڭنىڭ ھەجىمى 900لىتىر ئىدى. بۇ ھاراقلار ئەنگىلىيەگە توشۇپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن بوتولكىغا قاچىلانسا، دەپمۇ دەل 1200بوتولكىغا قاچىلاشقا بولۇپ، بىر يەشىكتە 12بوتولكىدىن 100يەشىككە قاچىلىناتتى.
   بۇ سەۋەبلىك سىز شۇنى بايقىيالايسىزكى، يەر شارىدا شۇنچە كۆپ ئوخشىمىغان ھاراق بوتولكىلىرى بار بولسىمۇ ھەمدە شەكلى ھەر خىل بولسىمۇ، ئەمما سېغىمى ئوخشاشلا 750مىللىلىتىر. باشقا ھەجىمدىكى بوتولكىلارمۇ ئادەتتە 750مىللىلىتىرلىق ئۆلچەملىك بوتولكىنىڭ پۈتۈن ھەسسىلىك سانى بويىچە ئىشلىنىدۇ؛ مەسىلەن، 1.5لىتىر(ئىككى بوتولكا)، 3لىتىر(تۆت بوتولكا) دېگەنگە ئوخشاش.
750مىللىلىتىر ئىككى ئادەمنىڭ ئىچىشىگە دەل مۇۋاپىق كېلىدۇ
   750مىللىلىتىر ئۈزۈم ھارىقى، قورامىغان يەتكەن ئىككى ئادەمنىڭ بىر ۋاقلىق كەچلىك تاماقتا ئىچىشىگە دەل مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر ئادەمگە 3-2ئىستاكاندىن توغرا كېلىدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号