رەسىمدىكى سۈرىتىمىز نېمىشقا ئەينەكتىكىگە قارىغاندا سەت كۆرۈنىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5812:قېتىم كورۇلدى
   پىسخولوگىيەدە، ناھايىتى قىزىقارلىق بىر خىل ھادىسە بار: ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى، ئۆزىنىڭ "گۈزەل" تەرەپلىرىگە ئىشىنىشنى ۋە مۇبالىغىلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ بەكرەك خالايدۇ؛ ئەمما بەزىبىر كەمچىلىكلىرىگە قارىتا، ئۆزلىكىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىشنى تاللايدۇ. بۇ خىل ھادىسە، بىز ئەينەككە قارىغان ۋاقىتتا، چوڭ مېڭىمىزنىڭ بىزنىڭ بەش ئەزالىرىمىزدىكى ئارتۇقچىلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ كەمچىلىكلىرىمىزنى سۇسلاشتۇرۇشىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇنىڭغا ئەينەككە قارىغان ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ ھەرىكەتچان ھالىتىدە تۇرغۇنىمىز قوشۇلۇپ، ئەينەكتە ئەكس ئەتكەن ئۆزىمىز تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىمىز.
   ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بەزىدە رەسىمدىكى سۈرەتلىرىمىز سەت چىقىپ قالىدۇ؟
   بۇنىڭدا ئالدى بىلەن، سۈرەتكە تارتىش ئاپاراتى بىلەن كۆزىمىز كۆرىدىغىنى بىردەك بولمايدۇ. چۈنكى، سۈرەت ئاپپاراتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۇر، ئاپارات فوكوس ئۆزگىرىشى، ئەينەك يۈزى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى، ئاخىرىقى شەكىللەنگەن سۈرەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ بۇنىڭغا مەشغۇلات قىلغۇچىنىڭ تېخنىكىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قوشۇلۇپ، تارتقان سۈرەت ھەقىقى قىياپەت بىلەن پەرقلىق چىقىدۇ.
   يانفوندا تارتقان سۈرەتكە كەلسەك، سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى بىلەن سۈرەت تۈزەشتۈرۈش تېخنىكىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان ئادەم بولمىسىلا، ئادەتتە يانفوندا تارتقان رەسىم كۆپىنچە "كۆرۈمسىز" چىقىپ قالىدۇ.
   ئاخىرىقى مەسىلىگە كەلسەك، سۈرەتتىكى ئۆزىمىز بىلەن ئەينەكتىكى ئۆزىمىز، قايسىسى ھەقىقى ھالىتىمىزگە ئەڭ يېقىن كېلىدۇ؟
   بۇنىڭ جاۋابى، ئەينەكتىكى ھالىتىمىز، بىزنىڭ ھەقىقىي ھالىتىمىزگە ئەڭ يېقىن كېلىدۇ. چۈنكى، ئەينەكتىكى ئۆزىمىز تېخىمۇ سىتىرىئولۇق ھەم ھەقىقىي كۆرۈنىمىز؛ سۈرەت رەسىمگە سېلىشتۇرغاندا، ئەينەكتىكى ھەرىكەتچان ھالىتىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقىي ھالىتىڭىزگە ئەڭ يېقىن كېلىدۇ. لېكىن، ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەن پىسخىكىلىق ھادىسە سەۋەبلىك، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى كۆڭلىدە ئويلىغاندەك ئۇنداق چىرايلىق ئەمەس ھېس قىلىپ قالىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号