ئاچچىق ۋە چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6027:قېتىم كورۇلدى
   تۇرمۇشتا، چار خەمەك(苦瓜)، كەرەپشە، لىمون قاتارلىق ياكى ئاچچىق ياكى چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى ئۇچرىتىمىز؛ نۇرغۇن كىشىلەر، تەمى ئاچچىق ياكى چۈچۈمەل بولغانلىقتىن بۇ يېمەكلىكلەرنى يىيىشنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىلدىكى ئاچچىق ياكى چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنىڭ بەلگىلىك پايدىلىق تەرەپلىرى بار.
ئىشتىھانى ياخشىلاش
   بەزى ئاچچىق تەملىك يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تۈردە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، تەم سەزگۈ ئەزالىرىنى غىدىقلايدۇ؛ ئاچچىق تەم فاكتورلىرى ئۈچەي يولىغا كىرگەندىن كىيىن، ئاشقازان چاپلاشقاق سۇيۇقلۇقلىقى ئاجرىتىشنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مېڭىنى سەگىتىپ روھنى ئۇرغىتىدۇ
   ئادەمنىڭ روھى كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كەتسە ئاسانلا چارچاش ھېس قىلىدۇ؛ ئاچچىق ياكى چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تۈردە ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، سىزىم ئەزالىرىنى غىدىقلاشقا بولىدۇ. بۇندىن باشقا، بەزىبىر ئاچچىق يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، قەھۋە، چاي قاتارلىقلار، مەركىزى نىرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ، روھى كەيپىياتنى جانلاندۇرىدۇ ۋە مىتابولىزىمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىدۇ.
ئۈچەي يوللىرىنى ياخشىلايدۇ
   ئاچچىق ياكى چۈچۈمەل يېمەكلىكلەر، ئۈچەي يولىنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ، ئۈچەي يولىدىكى زىيانلىق باكتېرىيەلەرنى چەكلەپلا قالماي، يەنە پايدىلىق باكتىرىيەلەرنىڭ ئۆز ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۈچەي يولى باكتىرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭ ھالىتىنى ساقلايدۇ.
مىتابولىزىمنى تەڭشەيدۇ
   ئاچچىق يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ماددىلارنىڭ، مېڭە ۋە ئاخىرقى ئۇچ نىرىپلارغا قان يەتكۈزۈشنى ياخشىلاش رولى بار بولۇپ، يۈرەكنى ساغلاملاشتۇرۇپ سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، مىتابولىزىمنى تەڭشەپ خولىستىرىننى تەڭشەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
   ئاخىرىدا دىققەت قىلىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى، ھەيىز مەزگىلىدىكى ئاياللار، بەدەن ساپاسى تۆۋەن ۋە ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەر ئاچچىق ياكى چۈچۈمەل يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىسىتمال قىلماسلىقى كېرەك. بۇندىن باشقا، ئاچچىقىلىقىدىن يۇتۇش مۇمكىن بولمايدىغان ئۇرۇغلارنى، مەسىلەن تەرخەمەك ۋە كۆك كاۋا قاتارلىق قاپاق ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلارنىڭ ئۇرۇغىنى ھەرگىز ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ؛ بۇ خىل زىيادە ئاچچىق  بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ زەھەرلىك تەركىبى بار بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، ئېغىر بولغاندا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

چەتئەللىك قىزنىڭ قوسىقىدىن 11جىڭلىق غەلىتە ئۆسمە چىقتى

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号