ھەمىشە جىددىيلىشىش، ۋىتامىن كەمچىللىكتىن بولۇشى مۇمكىن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5822:قېتىم كورۇلدى
ۋىتامىن B1نى تونۇش
 B   ئائىلىسىدىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6، ۋىتامىن B12، نىكوتىنىك كىسلاتا، فولىن كىسلاتا، پانتونىك كىسلاتا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ Bئائىلىسىدىكى ۋىتامىنلار، ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان قوشۇمچە ئىنىزىملار بولۇپ، ئۇزۇقلۇق مىتابولىزىمىغا، بادەن ئېنىرگىيە ۋە نىرىپ ئۇچۇر يەتكۈزۈش جەريانىغا قاتنىشىدۇ.  ۋىتامىن B1 بولسا، Bئائىلىسىدىكى ۋىتامىنلار ئىچىدىكى ئەڭ بۇرۇن بايقالغان سۇدا ئېرىشچان ۋىتامىن بولۇپ، ئادەتتە "تىئامىن" دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
   ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئادەم بەدىنى پائالىيىتىگە لازىملىق بولغان ۋىتامىنB1نى، كىشىلەر يېمەكلىكتىن، مەسىلەن ھايۋانات ئىچ ئەزالىرى، ئۇرۇق گۆش، پۇرچاق تۈرى، خاسىڭ قاتارلىقلارنى ئىستىېمال قىلىش ئارقىلىق قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن بەزىبىر يېمەك-ئىچمىكى تەڭپۇڭ بولمىغان كىشىلەردە، يېنىك دەرىجىدە ۋىتامىن B1كەمچىللىك كۆرۈلۈشى مۇمكىن بولۇپ، كۆپىنچە ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ۋىتامىن B1 تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىمىز.
ۋىتامىن B1 كەمچىل بولسا قانداق بولىدۇ؟
   بەدەندە ۋىتامىن B1 كەمچىل بولسا، ئاسانلا نېرۋا ياللۇغى، پۇت پۇراش كېسىلى، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ۋىتامىن B1، ئادەتتە ئادەمنىڭ روھى ھالىتىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، روھى كەيپىياتى ھەمىشە جىددىيلىشىش ھالىتىدە تۇرىدىغانلار كىشىلەر بەكرەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
​​​​​​​
ۋىتامىن B1نى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟
    ئەمەلىيەتتە، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىمىزگە پۇرچاق تۈرى، كۆممىقوناق، سۇلۇ قاتارلىق يىرىك ئاشلىقلارنى قوشۇپ ئىستىمال قىلساق، ئادەم بەدىنىنىڭ ۋىتامىن B1گە بولغان ئھېتىياجىنى قاندۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر نورمىدىن سىرت ۋىتامىن B1 تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولساق، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تۇغۇلمىغان بوۋاقنى ئوپراتسىيە قىلغاننى ئاڭلاپ باققانمۇ

بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号