توڭلىتىلغان جۇۋاۋىنى چىقىرىۋەتمەي پىشۇرۇشقا تاكتىكا كېتىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
   ئۆيىمىزدە جۇۋاۋا تۈگۈپ يېيىش، ئىنتايىن راھەت بىر ئىش؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ قىسىم ئائىلىلەردە جۇۋاۋىنى بىر قېتىمدا كۆپرەك تۈگۈپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ توڭلىتىپ ساقلاپ ئىستېمال قىلىدۇ. لېكىن، كۆپ قىسىم كىشىلەر توڭلاتقان جۇۋاۋىنى ياخشى پىشۇرالمىغاچقا، پىشۇرۇش جەريانىدا جىلىتى ئېتىلىپ قىيمىلىرى چىقىپ كېتىدۇ.
   ئۇنداقتا، توڭلاتقان جۇۋاۋىنى ساق پىشۇرغىلى بولماسلىق زادى نېمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ سىزنىڭ پىشۇرۇش ئۇسۇلىڭىزنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ. جۇۋاۋىنى توڭلاتماق ئاسان، ئەمما پىشۇرماق تەس؛ نۇرغۇن كىشىلەر توڭلىغان جۇۋاۋىنى پىشۇرغاندا، ياكى قازانغا ياكى ئۆز-ئارا چاپلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ۋە ياكى قىيمىسىنى چىقىرىۋىتىپ، ئىشتىھاسىغا تەسىر يەتكۈزىۋالىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، توڭلىتىلغان جۇۋاۋا پىشۇرۇشتىكى بىر خىل تاكتىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   ئالدى بىلەن توڭلىغان جۇۋاۋىنى ئېلىپ ئىرتىمىز. بىر داسقا سوغۇق سۇ ئېلىپ، جۇۋاۋىنى تەخمىنەن ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا چىلاپ قويساق بولىدۇ. بۇ جەرياندا، جۇۋاۋا تەدرىجى ھالدا  ئىرىش بىلەن بىرگە، توڭلىتىش جەريانىدا يوقاتقان سۇ تەركىبىنى تولۇقلاپ، قازانغا سېلىپ پىشۇرغان ۋاقىتتا، جىلىتى يىرتىلىپ قىيمىسى چىقىپ كەتمەيدۇ.
   كەينىدىن پىشۇرۇشنى باشلايمىز. ئادەتتە يېڭى تەييارلىغان جۇۋاۋىنى پىشۇرغاندا، ئادەتتە قازاندىكى سۇ قاينىغاندىن كېيىن ئاندىن جۇۋاۋىنى سېلىپ پىشۇرىمىز؛ لېكىن توڭلىتىلغان جۇۋاۋىنى ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ. توڭلىتىلغان جۇۋاۋىنى پىشۇرۇشتا، ئاۋۋال قازانغا سۇ قۇيۇپ ئوتنى يېقىپ، قازاندىكى سۇنىڭ تىمپىراتۇرىسى 40گىرادوس ئەتراپىغا يەتكەندە، ئاندىن قازاندىكى سۇغا ئازراق تۇز سېلىۋەتكەندىن كېيىن، جۇۋاۋىنى سېلىپ پىشۇرساق، جۇۋاۋا ئاسانلىقچە يىرتىلىپ كەتمەيدۇ. پىشۇرۇش جەريانىدا، جۇۋاۋىنى چۆمۈچتە يىنىك ئىتتىرىپ، بىر-بىرىدىن ئاجرىتىمىز.
   بۇ ئۇسۇل بويىچە پىشۇرسىڭىز، توڭلىتىلغان جۇۋاۋا، يېڭى تەييارلىغان جۇۋاۋىدەك پىشىپ چىقىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ!

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号