
ئارىمىزدا كالتسىي تولۇقلايدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەر نۇرغۇن، بىراق ئۇنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىلىدىغانلار ئاز، ئەگەر بۇنى بىلمىسە قىلغان ئەجىر بىكار كېتىدۇ، شۇڭا بۇ جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مۇنداق خاتا قاراشلارنى بىلمەي بولمايدۇ:
كالا گۆشى سۆڭەككە پايدىلىق.
بۇ قاراش خاتا، چۈنكى كالا گۆشىدە كالتسىي ئىنتايىن ئاز بولۇپلا قالماستىن، يەنە فوسفور، گۈڭگۈرت ۋە خىلورىدلار بار، بۇ ئۈچ خىل ماددا قاندىكى كىسلاتالىق تەركىبنى كۆپەيتكەچكە، بەدەن، يېمەكلىك ۋە سۆڭەكتىكى كالتسىي بۇ كىسلاتالىق تەركىبنى نېيتراللاشتۇرۇشقا سەرپ بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كالتسىي ئېقىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

كۆكتات بىلەن سۆڭەك ساغلاملىقىنىڭ مۇناسىۋىتى يوق.
نۇرغۇن ئادەمى كۆكتاتتا پەقەت سېللۇلوزاسى ۋە ۋىتامىن بار، شۇڭا ئۇنىڭ سۆڭەكنىڭ ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆكتاتتا كالىي بىلەن ماگنىي مول، بۇ ماددىلار بەدەننىڭ كىسلاتا - ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، كالتسىي ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ بولۇپمۇ قىچا، قاتكۆك، كەرەپشە ۋە يېسسىۋېلەكنىڭ كالتسىي تولۇقلاش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى.

مېۋە ۋە سۆڭەك ساغلاملىقى
ئورۇقلاش كويىغا كىرگەن ئاياللار ئادەتتە مېۋىنى تاماقنىڭ ئورنىدا يەيدۇ، ئەمەلىيەتتە مېۋىنىڭ بەدەننىڭ كېسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتا ئۈنۈمى يۇقىرى، كالتسىينىڭ مەنبەسى ئەمەس، ئاقسىلمۇ يوقنىڭ ئورنىدا. شۇڭا مېۋىنى تاماقنىڭ ئورنىدا يېسە، ئاقسىل بىلەن كالتسىي ئازىيىپ، سۆڭەك شالاڭلىشپ كېتىدۇ.

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى
تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت
ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ
ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ
ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ
بۇ ئايال بەخىتكە يارىشا، بالىياتقۇ ئىچىدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالىنى ئوپراتسىيە قىلالايدىغان بىر دوختۇرخانىنى ئىزدەپ تاپقان بولۇپ، قوسى
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号