بۇ ئايدا تۇغۇلغانلار تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن، سىز بارمىكەن؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5891:قېتىم كورۇلدى
   ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، مەڭگۈ كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىدىغان بىر تېما؛ بىز ھەمىشە، قايسى خىلدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا تالاش تارتىش قىلىمىز. لېكىن سىزنىڭ بىلمەيدىغىنىڭىز، ئەمەلىيەتتە تۇغۇلغان ئاشۇ ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە كۆرىدىغان ئۆمرىدە پەرق شەكىللىنىپ بولىدۇ. قىزىقارلىق بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تۇغۇلغان ئاي،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

   بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا، زور بىر تۈركۈم 100ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنى تاللاپ، ئۇلار بىلەن ئۆمرى نىسبەتەن قىسقا بولغان بىر تۇغقانلىرى ۋە جۈپتى ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان؛ ئاخىرىدا ئىرىشكەن نەتىجە بولسا، ئەگەر سىز 12-ئايدا تۇغۇلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ 100ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزدە ئۈمىد زور ئىكەن. "ياشانغانلار تەتقىقات ژورنىلى"دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، 12-ئايدا تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى، باشقا ئايدا تۇغۇلغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئۇزۇنراق بولىدىكەن.
   12-ئايدا تۇغۇلغان كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى سەۋەب، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك: ئالدى بىلەن، 12-ئايدا تۇغۇلغان كىشىلەر جىسمانىي جەھەتتىن تېخىمۇ قاۋۇل ھەم ساغلام كىلىدىكەن؛ تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، 12-ئايدا تۇغۇلغانلار "تۇغۇلما تەنھەرىكەتچى" ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بەدىنى ئىنتايىن ساغلام كىلىدىكەن. 11-ئايدا تۇغۇلغانلارنىڭ بولسا، كۈچ-ماغدۇرى ۋە بەرداشلىق بىرىش كۈچى يامان ئەمەس بولىدىكەن، شۇڭا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش جەھەتتە، 12-ئايدىن قالسىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، 10-ئاي ئۈچىنچى ئورۇندا ئىكەن.
   بەدىنى قاۋۇل ھەم ساغلام بولغاندىن باشقا، 12-ئايدا تۇغۇلغان كىشىلەر، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا جاپاغا چىدايدىغان، كۆپ قاقشىمايدىغان، كەيپىيات داۋالغۇشى نىسبەتەن ئاز كىلىدىكەن؛ بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ساغلاملىققا پايدىسى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئادەمنى نۇرغۇنلىغان كېسەللىكلەردىن ساقلاپ قېلىپ، بۇ سەۋەبلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
   تەتقىقاتچىلار، بۇ تەتقىقات يەكۈنىنى "پەسىل خاراكتېرلىك پەرق" دەپ ئاتىغان. بۇ پەسىلدە تۇغۇلغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ئانىنىڭ ھامىلدارلىق ۋاقتى ئەتىياز، ياز، كۈز پەسىللىرىگە توغرا كىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۈچ پەسىلدە قۇياش نۇرى يىتەرلىك بولغاچقا، بەدەندە بىرىكىدىغان ۋىتامىنDنىڭ مىقدارى نىسبەتەن تولۇپ بولۇپ، ھامىيلىنىڭ تېخىمۇ ساغلام يېتىلىشىگە پايدىلىق بولىدىكەن.
   ئەلۋەتتە، بۇ تۈرلۈك تەتقىقات، پەقەت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە ھۆكۈم قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك پايدىلىنىش نۇقتىسى؛ بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش كۆرمەسلىكىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ، مەسىلەن، ئىرسىيەت، يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئادەتلىرى دېگەنلەرگە ئوخشاش.
 

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号