تەننەرخى قىممەت لېكىن ئاياللارنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىدىغان تائام
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
   زىمىستان قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرىدە، قورساققا ئامراق كىشىلەرگە نىسبەتەن، پەقەت ئاشقازىنىدا يېمەكلىك بار بولۇشلا، ئاندىن سوغۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان ئاچچىق چۈچۈك كالا گۆشى شورپىسى، گەرچە تەننەرخى قىممەترەك بولسىمۇ، لېكىن ئەرلەرنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئاياللارنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىدۇ؛ بۇ شورپىنى ئىچىپ تۇرۇپ تەرلەپ كېتىسىز، پۈتكۈل بەدىنىڭىز ئاشقازىنىڭىز بىلەن قوشۇلۇپ ئىللىپ كېتىدۇ.
خام ماتېرىيالى
   قىيىپ يالپاقلانغان كالا گۆشى(خوگودا ئىشلىتىدىغان)، يىڭنىسىمان موگو(جىڭجىڭگو)، قىزىلمۇچ قىيامى، ئاق ئاچچىقسۇ، زەنجىۋىل، سامساق، كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، پىششىق ئاق كۈنجۈت، تۇز، ئىستېمال مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
   خام ماتېرىياللارنى تەييارلايمىز. جىڭجىڭگونىڭ يىلتىز قىسىمىنى ئېلىۋىتىپ يۇيۇپ پاكىزلايمىز؛ كىچىك ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ قاتارلىقلارنى يۇيۇپ يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە توغرايمىز؛ سامساق ۋە زەنجىۋىلنى توغراپ تەييارلايمىز.
پىشۇرۇش ئۇسۇلى
   1. ئالدى بىلەن قازاندا سۇ قاينىتىپ، كالا گۆشىنى سېلىپ بىر مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.
   2. قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئۇششاق چانالغان سامساق بىلەن زەنجىۋىلنى سالىمىز؛ كەينىدىن ئۈستىگە مۇچ قىيامى بىلەن ئاق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.
   3. قازانغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ، بەش مىنۇت قاينىتىمىز؛ بەش مىنۇت توشقاندىن كېيىن جىڭجىڭگونى سېلىپ ئىككى مىنۇت قاينىتىمىز؛ كەينىدىن كالا گۆشىنى سېلىپ يەنە بىر مىنۇت قاينىتىمىز. بۇ ۋاقىتتا، بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان كالا گۆشى شورپىسى تەييار بولغان بولىدۇ.
   4. ئەگەر ئاچچىق يىيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۈستىگە ئازراق ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، پىششىق ئاق كۈنجۈت سېپىۋەتسىڭىز، تەمىدىن ھەرگىز ئۈمىدسىزلىنىپ قالمايسىز.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号