كىر يۇغاندا بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ، پاكىزە يۇغىلى بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6095:ئادەم ئۆگەندى
   تۇرمۇشىمىزدا، ئەسلىدە ئاپئاق كۆينەكنى ئۇزۇنراق مەزگىل كەيگەندىن كېيىن، كىيىم بىر خىل سارغىيىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سارغايغان داغلارنى يۇيۇپ چىقارمىقىمىزمۇ تەسكە توختايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئاددىي ھەم ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە بىر ئۇسۇلنى تونۇشتۇرپ ئۆتىمىز؛ بۇنىڭدا، يۇغان كىيىملىرىڭىز يېڭى كىيىمدىنمۇ پاكىزە بولۇپ كېتىدۇ.
   ئالدى بىلەن، پاكىزە ئەينەك قۇتىدىن بىرنى تېپىپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇدا سۈيى قۇيىمىز. سۇدا سۈيىنىڭ خېمىيەلىك ئالاھىدىلىكى ئىشقارلىق بولۇپ، كىيىمدىكى رەڭ داغلىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا چىقىرالايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۇدا كىيىمگە چاپلىشىۋالغان ماي تەركىبلىرىنى ئىرىتىپ، ماي داغلىرىنىمۇ چىقىرىۋىتەلەيدۇ.
   ئىككىنچى قەدەمدە، سۇداغا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىمىز؛ چۈنكى، ئاچچىقسۇ تەركىبىدىكى كىسلاتا، كىيىمدىكى ئىشقارلىق تەرك قالدۇقلىرىنى ئۈنۈملۈك ھالدا تازىلىيالايدۇ. ئاخىرىدا ئۈستىگە ئازراق كىيىم يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قوشىمىز.
   ئۈچىنچى قەدەمدە، ئەينەك قاچىدىكى سۇدا، ئاچچىقسۇ، كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، كىچىك قاچىغا بۆلۈپ، توڭلاتقۇغا سېلىپ بىر ئاخشام توڭلىتىمىز.
   تۆتىنچى قەدەمدە، كىر يۇماقچى بولغاندا، توڭلىتىپ تەييار قىلغان سۇدا ئارىلاشمىسىدىن بىرنى ئېلىپ، كىيىم بىلەن بىللە سۇغا 20مىنۇت چىلاپ قويساق، بۇ ئۇسۇلدا يۇغان كىيىم ئەسلىدىكىگە ئوخشاش پاك-پاكىزە بولۇپ كېتىدۇ.

ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە

مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھە

ئايال كىشى ئىرىنىڭ ئۆيىدىكى بۇ ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كىرەك

بىتەرەپ قىلماق ئەڭ تەس بولغان قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىدە، كىلىن بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، قېيىنئانىڭىزنىڭ گەرچە سىز بىلەن قانداشلىق مۇ

مىۋە-چىۋىلەر نېمە ئۈچۈن بارغانسېرى تاتلىقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ؟

تەمى تاتلىق مىۋە-چىۋىلەر بازاردا ئەلۋەتتە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ، لېكىن يەنە نۇرغۇن كىشىلەر، زىيادە تاتلىق بولۇپ كەتكەن مىۋە-چىۋىلەرگە قارى

ئەتىگەندە ئىلمان قايناقسۇ ئىچىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، بەدەنگە نۇرغۇنلىغان پايدىلىق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مېڭىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان يېمەكلىكلەر

ھەمىشە گازلىق سۇ، ئىقتىدارلىق ئىچىملىك ۋە قىسمەن مىۋە شەربەتلىرى قاتارلىق قەنت تەركىبى يۇقىرى ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، ئاسانلا IIتىپلىق

تاماق يىيىشتىن راك كېسەللىكىنى ئالدىن بىلگىلى بولىدۇ

راك كېسەللىكى، ھەمىشە ئىنسانلار ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان "باش جىنايەتچى" دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. راك كېسەللىكى تىلغا ئېلىنسا، كى

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号