سىناق: سىزنىڭ پىسخىكىلىق ئاجىزلىقىڭىز نېمە؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5918:قېتىم كورۇلدى
   تۆۋەندىكى ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنىڭ ئارىسىدىكى سىز ئەڭ ياقتۇرمايدىغىنىنى تاللاپ چىقىڭ، ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكىلىق ئاجىزلىقىڭىزنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىناپ بېقىڭ!
 
A


B


C


D
 
سىناق ئانالىزى
Aرەسىمدىكى ئاياغنى تاللىغانلار
   سىزنىڭ پىسخىكىلىق ئاجىزلىقىڭىز، مۇكەممەللىكنى ھەددىدىن ئارتۇق قوغلىشىش. ئەمەلىيەتتە، ھەربىر ئادەم مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدۇ؛ لېكىن، دۇنيادا مۇكەممەل ئىش بولمايدۇ. بەزىدە، ئەگەر سىز بىر ئىشلار ئۈستىدە مۇكەممەللىكنى زىيادە قوغلاشسىڭىز، ئاخىرىدا ئىنتايىن چارچاپ كېتىسىز ھەم بۇ ئىشنى ياخشى قىلالىشىڭىزمۇ ناتايىن. مەسىلىنىڭ ئاخىرىقى نەتىجىسى، سىز ئويلىغان ئۈنۈمگە ئىرىشەلمىگەن ۋاقىتتا، سىز بۇنىڭغا يۈزلىنىشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇشنى تاللايسىز، چۈنكى سىز مەغلۇبىيەتلىك نەتىجىنى قوبۇل قىلالمايسىز؛ بۇنداق ئەھۋال، سىزنىڭ تۇرمۇشتىكى بېسىمىڭىزنى ئاشۇرۋېتىدۇ.
Bرەسىمدىكى  ئاياغنى تاللىغانلار
   سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىزدىكى ئاجىزلىقىڭىز، پىسخىكىلىق ساپايىڭىزنىڭ ياخشى بولماسلىقى. سىز بىرەر قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقىتتا، ئاسانلا ھۇدۇقۇپ ۋە قايغۇرۇپ كېتىسىز؛ ياخشى ئىشقا يولۇققاندا بولسا، خۇشاللىقتىن ئۆزىڭىزنى بېسىۋالالماي قالىسىز. سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنىڭ ھەممىسى چىرايىڭىزدا ئېنىق ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ، لېكىن، بۇ بىر ياخشى ئەھۋال ئەمەس.
Cرەسىمدىكى ئاياغنى تاللىغانلار
   سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىزدىكى ئاجىزلىقىڭىز، كىشىلەرگە ھەددىدىن ئارتۇق مۇلايىم مۇئامىلە قىلىش. سىز ئىنتايىن مۇلايىم بىر ئادەم، باشقىلارغا قارىتا ناھايىتى ئىللىق مۇئامىلە قىلىسىز. باشقىلارغا مۇلايىم مۇئامىلە قىلىش گەرچە ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئەمما پىرىنسىپقا تاقىشىدىغان بەزىبىر ئىشلاردا، ئۇنداق مۇلايىم بولىۋەرمەسلىك كېرەك. بولمىسا، باشقىلار سىزنى قورقۇنچاق ھېس قىلىپ، سىزنى بوزەك قىلىدۇ.
Dرەسىمدىكى ئاياغنى تاللىغانلار
   سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىزدىكى ئاجىزلىقىڭىز، مىجەزىڭىز بەك تۈز. سىز گەپنى ئەگىتىپ قىلىشنى ياكى يۆگەپ قىلىشنى بىلمەيسىز، ئەكسىچە نېمە بولسا شۇنى ئۇچۇقلا دەيسىز؛ بۇنداق ئەھۋالدا، كۆپىنچە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويىشىڭىز مۇمكىن.سىز، ئېغىزى قاتتىق كۆڭلى يۇمشاق كىشىلەر تىپىغا تەۋە بولۇپ، بەزىدە باشقىلارغا ياردەم قىلىمەن دەپ، گەپنى ئوڭشاپ قىلالماي، قارشى تەرەپكە خاتا چۈشەنچە بىرىپ قويىسىز ۋە رەنجىتىپ قويىسىز.

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

بۇ تۆت خىل يىمەكلىك جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

جىگەرگە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەتتە گۆش-كاۋاپلارنى كۆپ يەۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ ماي مىقدارىنىڭ

ئەر-ئاياللار ئالاقىسىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

ئاتالمىش لايىقىدا بولۇش، ھەرقانداق ئىشنى چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بەزى كىشىلارنىڭ سىزنى بىئارام ياكى خاپا قىلىپ

چەتئەللىك قىزنىڭ قوسىقىدىن 11جىڭلىق غەلىتە ئۆسمە چىقتى

روسىيەلىك بىر قىزنىڭ قوسىقى ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىغا ئوخشاش چوڭۇپ كەتكەن بولۇپ، يېقىندا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئاشقازىنىدىكى 11جىڭ ئې

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号