بۇ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ ئۆپكىڭىزنى تازىلاپ تۇرۇڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5868:قېتىم كورۇلدى
   تاماكا چىكىش ئۆپكىگە زىيانلىق، بۇ داۋلىنى ھەممىمىز چۈشىنىمىز، ئەمما تاماكىنى يەنىلا تاشلىيالمايمىز. تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ئادەمنى تاماكىغا خۇمار قىلىپلا قالماي، تاماكا تەركىبىدىكى كوكىس مېيى، كاربون(II) ئوكسىد قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارنىڭ ئادەمنىڭ ئۆپكىسىگە بولغان زىيىنىمۇ ئىنتايىن چوڭ؛ بۇ زەھەرلىك ماددىلار، ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە سىل كېسىلى ۋە ئۆپكە راكى قاتارلىقلارغا گېرىپتار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تاماكا چېكىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۆپكىنى ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم.
   تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەر تاماكىنىڭ تەبىئىي دۈشمىنى بولۇپ، ھەركۈنى ئازراقتىن ئىستىمال قىلىپ بەرسىڭىز، ئۆپكىنى تازىلاپ ياخشىلايدۇ.
چوڭ ئاپلىسىن(柚子)
   چوڭ ئاپلىسىن، تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ مىۋە ئېتى يۇمران، تەمى ياخشى، ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى. چوڭ ئاپلىسىننى داۋاملىق ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ ھۆتەلنى توختاتقىلى بولىدۇ، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، ئۆپكە سىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش رولى بولۇپلا قالماي، زۇكامغا قارىتامۇ بەلگىلىك ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشىلاش ئۈنۈمى بار.
ئاق نەشپۈت(雪梨)
   ئاق نەشپۈتنىڭ ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ ھۆتەل توختىتىش ئۈنۈمى بار. ئاق نەشپۈتنىڭ تەركىبىدە زور مىقداردا سۇ تەركىبى ۋە مىۋە شېكىرى بار بولۇپ، ئۇنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، ئۆپكىدىكى ئىسسىق يەلنى ھەيدەش، ئۆپكىدىكى ئارتۇق ياغلار ۋە ئەخلەتلەرنى تازىلاش قاتارلىق ئۈنۈملەرنى كۆرسىتىپ، ئۆپكىنى تېخىمۇ ساغلام قىلىدۇ.
جۈخۇا چېيى
   جۈ خۇا گۈلىنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق، تەمى قىرتاق بولۇپ، ئۆپكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىسسىق يەلنى ھەيدەپ زەھەر تازىلاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، تاماكىنى كۆپ چىكىدىغان، ھەمىشە گېلى قىچىشىدىغان ۋە يۇتقۇنچاق ياللۇغى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن، كۈندە ئازراق جۈخۇا گۈلى چېيى ئىچىپ بەرسە، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش بىلەن بىرگە، ئۆپكىدىكى زەھەرلەرنى تازىلايدۇ.
لىمون
   لىمون بىزنىڭ ئۆپكىمىزدىكى زەھەرنى ھەيدەپ، ئۆپكىدە يېغىلىپ قالغان زەھەرلىك ماددىلارنى تازىلايدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەن كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئەتىگەن كەچتە لىمون چىلانغان سۇ ياكى چاي ئىچىپ بەرسە، بەدەندە يېغىلىپ قالغان تاماكا زەھەرلىرىنى ئاسانلا تازىلاپ چىقىرۋىتەلەيدۇ.

ئەرلەر قانداق ئايال كىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋىتەلمەيدۇ

نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر بوشلۇقى بار بولۇپ، مۇھەببەت جەھەتتە ھىسياتقا ئۆزىنىڭ ئېڭى بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇ سەۋ

راك كىسەللىكىگە قارشى تۇرىدىغان يىمەكلىكلەر

ئاشقازان راكىنىڭ كۆرۈلىشى، يىمەك-ئىچمەك ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛ ئەمىلىيەتتە ئاشقازان راكىلا ئەمەس، چوڭ ئۈچەي راكى، جىگەر راكى، ئاش

دىققەت! بۇ ئەھۋاللارمۇ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدىگەنگە باراۋەر

لىكىن، بەزى ماشىنا ئىگىلىرى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ، "ھاراقنى كۆپ ئىچمىدىم، ماشىنا ھەيدىسەم بولىۋىرىدۇ" دەپ قارايدۇ؛ نەتىجىدە،

تاماقتىن كىيىنكى يېرىم سائەت، كۈتۈنۈشتىكى ئالتۇن مەزگىل

تاماقتىن كىيىن 15مىنۇت ئارام ئېلىپ، بەزىبىر يىنىك مۇزىكالارنى ئاڭلاڭ ھەمدە ئازراق چاي ئىچىپ بىرىڭ، ئەمما كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك.

دادىنىڭ قىزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلىگەن ئىجادىي سۈرەتلىرى

ئۇلارنى بېلىق بىلەن بىللە يۇيۇنغىلى ۋە بۆرە بىلەن بىللە ھۇۋلىغىلى قويۇپ بەرگەن؛ بۇ قىزلارنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىل تۈردە ناھايىتى قىزىقارلىق

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号