مەن ئامراق لەغمەن سېيىنى كۆرۈپ بېقىڭ، يېقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5860:قېتىم كورۇلدى
   يېقىندىن بۇيان، ھاۋانىڭ سۇۋۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىنمۇ بىلمىدىم، كەچ بولۇپ كەلسە قورسىقىم بەك ئېچىپ كىتىدىغان بولۇپ قالدى؛ كارۋاتتا ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ، كاللامغا ھەرخىل مەززىلىك تائاملار كىرىۋالىدۇ.
   بىركۈنى پەقەت ئۇخلىيالماي، توڭلاتقۇدا ئېشىپ قالغان يىمەكلىكلەردىن پايدىلىنىپ قورۇما قورۇپ، ئازراق چۆپ سېلىپ يىدىم. نەتىجىدە ئۇنى بىر دېمەڭ، شۇنداق تېتىپ كەتتىكى، شۇندىن باشلاپ، ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر مۇشۇنداق چۆپ سېلىپ يىمىسەم، پەقەت ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم.
   كىتەرلىك ماتىريال: تۇخۇم، چىلىغان سەي(榨菜)، موگو
   خۇرۇچ ماتىرىيالى: پۇرچاق بوتقىسى، خۇڭشاۋ جىياڭيۇ، قاقمۇچ، ئاق شېكەر، غولپىياز مايسىسى
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   ئالدى بىلەن چوڭراق چىنىدىن بىرنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ قوچۇپ تەييارلايمىز.
   موگونى كىچىكرەك پارچە ھالىتىدە توغرايمىز، چىىغان سەينىمۇ ئۇششاق توغرايمىز.
 
-2-
قازانغا ماينى ئادەتتىكىدىن سەل ئارتۇقراق قۇيۇپ، ماي قىزىغاندىن كىيىن قوچۇپ تەييارلىغان تۇخۇمنى قازانغا قۇيۇپ، توختىماستىن ئىلەشتۈرۈپ، ئۇششاق پارچە ھالىتىدە قاتۇرىمىز.
كەينىدىن توغرالغان موگو بىلەن چىلىغان سەينى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇيمىز.
 
-3-
قازانغا ئىككى قوشۇق پۇرچاق بوتقىسى، بىر قوشۇق خۇڭشاۋ جىياڭيۇ، ئازراق شىكەر قوشىمىز؛ ئاچچىققا ئامراقلار ئىككى ئۈچ تال قاقمۇچ قوشۇۋەتسىڭىز بولىدۇ. چىلىغان سەينىڭ تۇزى بار، شۇڭا تۇز قۇيمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى ئازراق قۇيۇش كېرەك.
ئۈستىگە بىر چىنە سۇ قۇيۇپ، بەش مىنۇت ئەراپىدا قاينىتىمىز؛ قازاندىن ئۇسۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن، ئىككى قوشۇق سۇلۇق كىراخمال ۋە توغراپ تەييار قىلغان غولپىياز مايسىسىنى قوشۇپ، تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.
بۇ قورىمىنى ئاددىي چاغلاپ قالماڭ، لەغمەنگە قوشۇپ يەپ باقسىڭىز، كارامىتىنى شۇ ۋاقىتتا بىلىسىز.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号