مۇچ قىيامىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6060:قېتىم كورۇلدى
   قىزىلمۇچ قىيامى، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان تەم خۇرۇچ ماتىريالى؛ ئىشىنىمەنكى، كۆپ قىسىم كىشىلەر، قىزىلمۇچ قىيامىنى ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، قىزىلمۇچ قىيامىنى ئۆيدە تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ ئۆيدە تەييارلانغان قىزىلمۇچ قىيامىنى نەچچە ئاي ساقلاشقا بولىدۇ، سىرتتا تاللا بازارلىرىدا سېتىلىدىغان قىزىلمۇچ قىيامى قارىغاندا كۆپ ياخشى.
تەييارلاش ئۇسۇلى
   1. ئۇچلۇق كۆكمۇچ، ئۇچلۇق قىزىلمۇچ، سامساق ۋە زەنجىۋىللەرنى، كۆكتات ئىزىش ماشىنىسىغا سېلىپ ئىزىپ چانىغاندىن كىيىن، چىنىدىن بىرنىڭغا ئېلىپ قويىمىز. ئەگەر ئۆيدە كۆكتات ئىزىش ئۈسكىنىسى بولمىسا، ئازراق جاپا چىكىپ، ئادەتتە قىيمىغان پىياز چانىغانغا ئوخشاش، چەيدودا ئۇششاق چاناپ تەييار قىلسىڭىز بولىدۇ.

   2. كەينىدىن، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز، ئاق شىكەر، ئاق كۈنجۈت قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

   3. سەۋزە، پىياز، زەنجىۋىل ياپراقچىسى، سامساق ياپراقچىسى، غولپىياز، كەرەپشە، شاكال بەدىيان، قوۋزاق دارچىن تەييارلايمىز.
   4. قازان ئېسىپ، ماينى كۆپرەك قۇيۇپ قىزىتىمىز؛ ئۈچىنچى قەدەمدە تەييار قىلغان ماتىرياللارنى قازانغا سېلىپ داغلايمىز، داغلاش جەريانىدا توختىماي مالتىلاپ ئارىلاشتۇرۇپ تۇرىمىز؛ ماتىرياللار داغلىنىپ سارغايغاندا ھەممىنى سۈزۈپ ئېلىۋالىمىز.

   5. ئاخىرىدا، خۇرۇچ ماتىرياللىرىنى داغلاشقا ئىشلەتكەن قىزىق ماينى، مۇچ سامساق چانالمىسىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.

   6. بۇ ۋاقىتتا، بىزنىڭ قىزىلمۇچ قىيامىمىز تەييار بولغان بولىدۇ؛ ئېغىزىنى ھىم ئىتىپ ساقلىساق يېرىم يىلغىچىمۇ بۇزۇلمايدۇ.

ئەسكەرتىش:
   ئەگەر قىزىلمۇچ، كۆكمۇچ، سامساق قاتارلىقلارنى ئۆيدە چاناشقا قولايسىز بولسا، كۆكتات بازارلىرىدىن مەخسۇس چانالغان سامساق، سوقۇپ تەييارلانغان قىزىلمۇچ ۋە كۆكمۇچ قاتارلىقلارنى سېتىۋالالايسىز.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号