كىلەر يىلدىن باشلاپ بۇ خىل كىشىلەر تۆمۈر تاۋاقتىن يېراقلىشىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6116:قېتىم كورۇلدى
   كەسپى ئورۇنلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى، ئىزچىل تۈردە كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە ئېرىشىپ كىلىۋاتقان بولۇپ، ئازراقلا شەپە كۆرۈلسە، شۇ ھامانلا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ؛ بۇنداق بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەب، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ "تۆمۈر تاۋاق" قوغلىشىپ، شىتاتلىق خىزمەتچى بولۇشنى ئارزۇ قىلغانلىقىدىن بولىدۇ. لېكىن، ھەرقانداق برى ئىش ئۆزلۈكسىز تۈردە تەرەققى قىلىپ ماڭىدۇ؛ كەسپى ئورۇنلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس بولۇپ، يىللاردىن بىرى ئىزچىل تۈردە ئىسلاھ قىلىنىپ كەلمەكتە.
   نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدىكى كەسپى ئورۇنلار تەرەققى قىلىپ غايەت زور بىر ئەترەتكە ئايلانغان ھەمدە ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئىگە بولغان؛ بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، كەسپى ئورۇنلارنى ئىسلاھ قىلىش، ئەمەلگە ئاشۇرۇش زۆرۈر بولغان بىر ئىشقا ئايلانغان. ئېلان قىلىنغان ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزدىكى بارلىق كەسپى ئورۇنلارنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى پۈتۈنلەي ئاياغلىشىپ، 126مىڭ كەسپى ئورۇن كېمەيتىلىدۇ؛ بۇ، كىلەر يىلنىڭ ئايىغىدا، 30مىليۇندىن ئارتۇق شىتاتلىق كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىكىلىك سالاھىيىتىنى يوقىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بولسا دۆلەت شىتاتىدىن پۈتۈنلەي چىقىرۋىتىلىدۇ. 2020-يىلى يىل ئاخىرىدا، تۆۋەندىكى نەچچە تۈرلۈك كىشىلەر، شىتاتى ۋە تۆمۈر تاۋىقىدىن ئۈزۈل-كىسىل ئايرىلىپ قالىدۇ.
    ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپى ئورۇنلار
   ئادەتتە، بۇ خىلدىكى كەسپى ئورۇنلار پايدا يارىتىشنى ئاساسى نىشان قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت پائالىيەتلىرى  بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شۇڭا بۇ ئورۇنلار كەلگۈسىدە كارخانىغا ئۆزگەرتىلىپ، كارخانا ئەندىزىسىدە باشقۇرىلىدۇ؛ بۇ ئورۇنلارنىڭ ئەسلى خىزمەتچىلىرىمۇ شىتات ئەۋزەللىكىنى يوقىتىپ، بازار ئىگىلىكى ئاستىدىكى كارخانا خىزمەتچىلىرى بىلەن ھېچقانداق پەرقى قالمايدۇ.
ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەرنىڭ خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلىرى
   ھازىرقى ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى، دۆلەت شىتاتىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا تەۋە. كەسپى ئورۇنلارنى ئىسلاھ قىلىش يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەردىكى كەسپى شىتاتلارمۇ تەدرىجى ھالدا ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ؛ قىسمەن سىناق تەرىقىسىدە يولغان قويغان ئۆلكىلەر، ئاللىقاچان كەسپى ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولغان بولۇپ، بۇ ئۆلكىلەردىكى ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ شىتاتى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىشكە ئۆزگەرتىلگەن. بۇ خىل ئىسلاھاتنىڭ پايدىلىق تەرىپى، ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي يىڭى ئوقۇتۇش كۈچى بىلەن تەمىنلەپ، ئالى مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
جىسمانىي ئەمگەك ۋە تېخنىكىلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپى ئورۇن خىزمەتچىلىرى
   ئىلگىرى، بۇ خىلدىكى كەسپى ئورۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ ھەممىسى، ھۆكۈمەت شىتاتىدىكى خىزمەتچىلەرگە تەۋە ئىدى؛ بىراق كەسپى ئورۇنلارنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل خىزمەت ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ شىتاتىمۇ تەكلىپ قىلىش ئىشلىتىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىدۇ.
   بىز جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ۋە ئىسلاھاتنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز، بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز، پەقەتلا ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىش ۋە ئەگىشىشتۇر، بۇ ھەم ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە، بىز رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك قائىدە-پىرىنسىپتۇر. خىزمەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش، ھازىرقى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىۋىگە ماس كەلمەيدۇ. جەمئىيەت ئىقتىدارسىز كىشىلەرگە مۇھتاج ئەمەس، بىز پەقەت ئۆزىمىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن جەمئىيەتكە تېخىمۇ زور قىممەت ئېلىپ كىلەلەيمىز؛ بولمىغاندا، جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرىشىمىزمۇ تەسكە توختايدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号