قۇرۇمىنى تۇزلۇق قىلىپ سالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5842:قېتىم كورۇلدى
   ئادەتتە تائام تەييارلىغان ياكى قورۇما قورىغان ۋاقىتتا، بەزىدە ئىھتىياتسىزلىقتىن تۇزنى كۆپرەك قوشۇۋىتىپ، قورۇما تۇزلۇق بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر سىز تۇزلۇق پېتى يەۋەرسىڭىز، قورۇمىنىڭ تەمىدىن ھۇزۇرلىنالماي قالىسىز. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟
شىكەر ياكى ئاچچىقسۇ قوشۇش
   گۈش تۈرىدىكى ياكى ئاچچىق تەملىك قورۇما قورىغان ۋاقىتتا، ئەگەر قورىمىنى تۇزلۇق قىلىپ سالغان بولسىڭىز، ئازراق شىكەر قوشۇپ تەم تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.
   شىكەر، ئادەمنىڭ تىلىنىڭ تۇز ۋە ئاچچىققا بولغان سىزىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، بۇنىڭدا قورۇما سىزگە بەك تۇزۇلۇق بىلىنمەيدۇ.
   لېكىن، بۇ ئۇسۇلدا گەرچە ئاچچىق ۋە تۇزلۇق تەمنى يوقاتقىلى بولسىمۇ، ئەمما بەدەنگە قوبۇل قىلىدىغان ناترىي مىقدارىنى(تۇزنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىي ماددىسى) تۆۋەنلەتكىلى بولمايدۇ؛ شۇڭا، دوختۇرلار تۇزنى ئاز ئىستىمال قىلىش تەكلىۋى بەرگەن دوستلار، ئەڭ ياخشىسى تۇزلۇق قورۇما يىمەسلىكى كېرەك.
ئۇن ياكى گۈرۈچ قوشۇش
   شورپا قايناتقان ۋاقىتتا، شورپا تۇزلۇق بولۇپ قالغان بولسا، پاكىزە داكا رەختتىن بىر پارچە تېپىپ، ئۇنىڭ ئىككى قوشۇق ئۇن ياكى گۈرۈچ يۆگەپ شورپىغا سېلىپ قويساق، شورپا تەركىبىدىكى تۇز ماددىسى ئۇن ياكى گۈرۈچكە سۈمۈرۈلۈپ، شورپىنىڭ تۇزلۇق تەمى يوقايدۇ.
تۇخۇم
   تۇخۇم تۇز ماددىسىنى سۈمۈرىدۇ، بولۇپمۇ تۇخۇمنىڭ سېرىقى. ئەگەر شورپىسى بار قورۇما ياكى سۇيۇقئاش قىلغاندا تۇزنى كۆپ سېلىپ سالغان بولساق، سۈيىگە تۇخۇم سېلىۋەتسەك (خام تۇخۇم ياكى سۇدا پىشۇرۇلغان پىششىق تۇخۇم بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ)، تۇخۇم ئۇزۇنغا قالمايلا تۇز تەركىبلىرىنى ئۆزىگە سۈمۈرۈپ، تەييارلىغان تائامدىكى تۇز تەمى سۇسلىشىدۇ.
ياڭيۇ قوشۇش
   ياڭيۇمۇ تۇز تەركىبى سۈمۈرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قورۇمىنىڭ ئەسلى تەمىنى بۇزۇۋەتمەيدۇ.
   قورۇما ئەگەر بەك تۇزلۇق بولۇپ قالغان بولسا، ياڭيۇنى يالپاقلاپ توغراپ قوشۇۋەتسەك، بىر مىنۇتقا قالماي ئۈنۈمى كۆرىلىدۇ. ئەگەر قورۇما قازاندىن چىققۇچە ياڭيۇ پىشىپ ئۈلگۈرسە، بىللە قۇرۇۋەتسىڭىزمۇ ھېچۋەقەسى بولمايدۇ، ئەگەر پىشىپ ئۈلگۈرمىسە، سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ ئايرىم بىتەرەپ قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
دۇفۇ قوشۇش
   دۇفۇنىڭ سۈمۈرۈپ ئۆزىگە چاپلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى. ئەگەر سىز شورپىلىق تاماق تەييارلىغاندا تۇزنى كۆپ سېلىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا قازانغا نەچچە پارچە دۇفۇ قوشىۋەتسىڭىز، دۇفۇ دەرھال قازاندىكى تۇز تەركىبلىرىنى سۈمۈرۈپ، شورپىنىڭ تۇزلۇق تەمىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
   تۇزلا ئەمەس، قىزىلمۇچ ياكى باشقا خۇرۇچ ماتىرياللىرى كۆپ قۇشۇۋىتىلگەن بولسىمۇ، دۇفۇ ئارقىلىق ئارتۇق قوشۇلۇپ قالغان تەركىبنى سۈمۈرۈپ، تەمنى تەڭشەشكە بولىدۇ.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号