قانداش ۋە قېرىنداش بىر تۇققاننىڭ قايسىسى بىر-بىرىگە بەكرەك يېقىن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
   ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى ئاجرىشىپ كىتىپ، كىيىنكى تۇرمۇشىدا مۇۋاپىق ئادەم ئۇچرىسا قايتا توي قىلىدۇ؛ بەزىلەر قايتا توي قىلغاندىن كىيىن يەنە بىر پەرزەنتلىك بولۇشنى تاللايدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا، كىيىنكى قېتىملىق توي تۇرمۇشىدا تۇغۇلغان بالا، ئىلگىرىكى توي تۇرمۇشىدا تۇغۇلغان بالا بىلەن قانداش (دادا بىر ئانا باشقا) ياكى قېرىنداش(ئانا بىر دادا باشقا) بىر تۇققان مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ. بۇنداق بىر تۇققانلار، گەرچە ئوخشاش بىر ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتى بولمىسىمۇ، ئەمما دادىمۇ ئانىمۇ بىر بولغان تۇققانلارغا ئوخشاش ئىجىل ئىناق ئۆتىدۇ. ئۇنداقتا، تىبابەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قانداش بىر تۇققان بىلەن قېرىنداش بىر تۇققاننىڭ قايسىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ بەكرەك يېقىن بولىدۇ؟
   قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، قانداش بىر تۇققان ۋە قېرىنداش بىر تۇققانلارنىڭ يېقىنلىق دەرىجىسى ئوخشاش. بىراق ئىرسىيەت قايتا گۇرۇپپىلىنىش جەريانىدىن قارىغاندا، ئەۋلادلارنىڭ ھۈجەيرە يادروسى ئىچىدىكى ئىككى يۈرۈش ئىرسىيەت ماددىسىنى، دادىسى بىلەن ئانىسى بىردىن تەمىنلەيدۇ. جىنسىي ئايرىمىسى خروموسومى جەھەتتە، قىز پەرزەنتتىكى بىر جۈپ Xخروموسومىنىڭ بىرىنى دادىسى، يەنە بىرىنى ئانىسى تەمىنلەيدۇ؛ ئوغۇل پەرزەنتنىڭ بولسا Xخروموسوم ئانىسىدىن، Yخروموسوم دادىسىدىن كىلىدۇ. لىكىن، Xخروموسومدا 804تال گېن بار، Yخروموسومدا بولسا ئاران 63تال گېن بار؛ شۇڭا، ئادەتتە قىز بالا دادىسى ۋە ئانىسىغا ئوخشاش يېقىن بولىدۇ، ئوغۇل بالا بولسا ئانىسىغا بەكرەك يېقىن بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، پەرزەنتلەرنىڭ ئانىسى بىلەن بولغان قانداشلىق مۇناسىۋىتى، دادىسىنىڭكىگە قارىغاندا ئازراق يېقىن بولىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، قېرىنداش  بىر تۇققانلار قانداق بىر تۇققانلارغا قارىغاندا، مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنراق بولىدۇ.
   فامىلە ۋە جەمەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قانداق بىر تۇققانلار قېرىنداش تۇققانلارغا قارىغاندا، مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنراق بولىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، قەدىمقى دەۋردە بىر ئەرنىڭ بىر نەچچە ئايال كىشىگە ئۆيلىنىشىگە يول قويۇلغان بولغاچقا، بىر ئەركىشىنىڭ بىر نەچچە ئايالى تۇغقان بالىلارنىڭ ھەممىسى ئەمىلىيەتتە قانداش بىر تۇققانلار بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، دادىسىنىڭ مەرتىۋە نۇپۇزى ئاستىدا، بۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى نىسبەتەن ياخشى بولغان تۇققانلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ.  ئەمما ھازىرقى ۋاقىت قەدىمقىگە ئوخشىمايدۇ، ھازىر دۆلىتىمىزدە بىر ئەر بىر ئاياللىق تويلىشىش تۈزۈمى يولغان قويۇلغان؛ لېكىن، جەمئىيەتتە ئاجرىشىپ قايتا توي قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپ ئۇچرايدىغان بولغاچقا، قېرىنداش ياكى قانداق بىر تۇققانلىق مۇناسىۋىتى يەنىلا ئاز ئەمەس. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەر-خوتۇن ئاجرىشىپ كەتكەندە، ئەگەر پەرزەنتى دادىسىنىڭ ھامىيلىقىغا قالسا ھەمدە دادىسى قايتا توي قىلغاندىن كىيىن يەنە بىر پەرزەنتلىك بولسا، ئۇنداقتا كۆپ قىسىم ئۆگەي ئانا كۆپىنچە ئۆزى تۇغقان بالىغا بەكرەك ياخشى قارايدۇ، بۇ خىل قىلمىش، بۇ ئائىلىدىكى قانداش بىر تۇققانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يېرىكلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ئەگەر ئەر-خوتۇن ئاجرىشىپ كەتكەندىن كىيىن، پەرزەنتىنىڭ ھامىيلىقىنى ئانىغا قالسا ھەمدە ئانا قايتا توي قىلغاندىن كىيىن يەنە پەرزەنتلىك بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئۆيدىكى بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولىدۇ؛ لىكىن بۇ بالىلار بىر ئانىنى ئىمىپ چوڭ بولغان بولغاچقا ھەمدە ئادەتتە ئائىيلىنى قامدايدىغىنى ئانا بولغاچقا، شۇڭا بۇ بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتى كۆپىنچە ئىجىل ئىناق كىلىدۇ.
   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، قانداش بىر تۇققانلار بىلەن قېرىنداش بىر تۇققانلارنىڭ مۇناسىۋىتى قايسىسىنىڭ بەكرەك يېقىن بولىدۇ دىگەن مەسىلىگە قارىتا، مۇقىم بىر ئۆلچەم يوق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرخىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. لىكىن، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بولغۇچىلار، مەيلى بالا ئۆزىنىڭ بولسۇن ياكى ئۆگەي بولسۇن، پەقەت ئۇلارغا ئوخشاش دەرىجىدە ياخشى مۇئامىلىدە بولسىلا، بۇ ئائىلە يەنىلا ئىجىل-ئىناق ھەم بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号