دەم ئېلىشقا چىققان مايۈن يەنە بىر قېتىم كاتتا مۇكاپاتقا ئىرىشتى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5880:قېتىم كورۇلدى
   مايۈن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كىيىن، يەنە بىر قېتىم تور ئېقىمىنى ئىگىلەپ، داڭقى قايتىدىن يۇقىرى پەللىگە چىقتى؛ بەزىلەر ئۇنى "دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغۋار كارخانىچى قەھرىمانلارنىڭ بىرى" دەپ تەرىپلەشتى.
   15-ئۆكتەبىر كۈنى كەچتە، سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن 2019-يىللىق فوربىس خەلقئارالىق CEO لار يېغىلىشىدا، مايۈننىڭ پۈتكۈل يەرشارى مىقياسىدىدا كارخانىچىلار روھىدا چىڭ تۇرغانلىقى ۋە تەرغىپ قىلغانلىقىنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن،  ئۇنىڭغا فوربىس ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەت مۇكاپاتى بىرىلدى؛ مايۈنمۇ 13يىلدىن بىرى يەرشارى مىقياسىدا تۇنجى بولۇپ بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئىنتىرنىت تورى ساھەسىدىكى كارخانىچىغا ئايلاندى.
   مايۈن شىركىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ مۇۋەپپىقىيەتكە ئىرىشىپلا قالماي، ئۇ يەنە دۆلىتىمىز ئىچى سىرتىدىكى نۇرغۇنلىغان كارخانا ۋە شەخسىلەرنى توردا تىجارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. فوربىسنىڭ رەئىسى مايۈنگە، "ئالى بابانىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئەسلى مەقسىتى ۋە ئىرىشكەن مۇۋەپپىقىيەتلىرى، نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشىشكە پۈتۈنلەي ھەقلىق" دەپ ئېيتتى.
   فوربىس ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەت مۇكاپاتى قانداق تۈردىكى مۇكاپات؟
   فوربىس ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەت مۇكاپاتى، فوربىس گۇرۇھى تەرپىدىن تەسسىس قىلىنغان ھەمدە فوربىس گۇرۇھىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەن رەئىسىنىڭ ئىسمى بىلەن نام بىرىلگەن مۇكاپات تۈرى بولۇپ، تۇلۇق ئاتىلىشى " مالكولوم. فوربىس ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەت مۇكاپاتى". بۇ مۇكاپاتنى تەسسىس قىلىشنىڭ ئەسلى مەقسىتى، داڭلىق كارخانىچىلارنىڭ سودا ساھەسىگە بىر ئۆمۈر تۆھپە قوشقانلىقىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ، 2006-يىلى تەسسىس قىلىنغاندىن بويان، پۈتكۈل يەرشارى بويىچە پەقەت 7نەپەر كارخانىچىلا بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.
   ئىلگىرى بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن كارخانىچىلاردىن، مىكسىكا تىلگىراف ماگناتى كارلوس.سىلىم.خېلو، ۋالمارت شىركىتى باش لىدىرى روبىنسون.ۋالتون، چاڭجىياڭ ئوقەتچىلىكى ۋە خېجى خۇاڭپۇ شىركىتى باش لىدىرى لى جىياچىڭ، ۋەندا گۇرۇھى باش لىدىرى ۋاڭ جىيەنلىن قاتارلىقلار بار.
   تۇنجى نۆۋەتلىك فوربىس ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەت مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى، دۆلىتىمىزنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىن.
   ۋاڭ جىيەنلىن، ئەر، 1954-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسى گۇاڭ يۈەن شەھىرى ساڭشى ناھىيىسىدە تۇغۇلغان؛ 1989-يىلىدىن باشلاپ، ۋەندا گۇرۇھى پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
   2006-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى، 16-نۆۋەتلىك فوربىس خەلقئارالىق CEO لار يېغىلىشىدا، تۇنجى قېتىملىق مالكولوم. فوربىس ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەت مۇكاپاتى تارقىتىلغان بولۇپ، ۋەندا گۇروھى باش لىدىرى ۋاڭ جىيەنلىك بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.
   فوربىسنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇكاپاتلاش تەبرىك سۆزىدە، ۋاڭ جىيەنلىنگە مۇنداق باھا بىرىلگەن: "ئۇ، كەسكىن، بوشاشماس ئىرادىگە ئىگە ۋە يېراقنى كۆرەر تەپەككۇرغا ئىگە بىر ئادەم بولۇپ، جۇڭگۇنىڭ پۈتكۈل يەرشارىدا قەد كۆتۈرۈش ئىرادىسى ۋە بايلىق يارىتىشتىكى كۆرۈنەرلىك دەۋر ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلغان. ئۇ ئىگە بولغان ھەقىقى تۈردىكى ئىگىلىك تىكلەش روھى، سودا بازىرى ۋە ساخاۋەتچىلىك ساھەسىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش پايدىلىق".

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号