سىزنى مۇھىم بىلىدىغان ئادەم مەڭگۈ سىزدىن تەشەببۇسكار كىلىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5726:ئادەم ئۆگەندى
   بىر تەرەپ تەشەببۇسكار بولىۋەرسە، ھارغىنلىق ھىس قىلىپ قالىدۇ
   ئۇستاز دەيدۇ:
   بەزى كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرمەسلىكى، ئۆمۈرلۈك پۇشايمىنىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ياخشى كۆرۈشى، ئۇنى ئۆمۈرلۈك ئازاپ يولىغا باشلايدۇ.
   بىر ئادەمگە ھەددىدىن ئارتۇق قىزغىن مۇئامىلىدە بولۇش، ئۇنى ناچارلىق قىلىشقا قىستىغانلىق. ھەقىقى مۇھەببەتنى بېغىشلاپ، ئاخىرىدا قارشى تەرەپنىڭ رەھىمسىزلىكىگە ئىرىشىدۇ؛ سەمىمىي كۆڭلىنى بىرىپ، ئاخىرىدا ئۈمىدسىزلىك ۋە كۆڭۈل سۇۋۇپ كىتىشكە ئىرىشىدۇ.
   سىز خىجالەت ۋە تارتىنىش دىگەنلەرنى بىرچەتكە قايرىپ قويغان ئىدىڭىز، ئەمما ئۇنى كۆڭۈلدىن چىقىرۋىتەلمىدىڭىز؛ سىز ئۆزىڭىزنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويۇپمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئادەم بولالمىدىڭىز. ھېچكىم تۇغۇلىشىدىنلا ئاچچىقى يوق قوي مىجەز ئەمەس، ئادەم پەقەت ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ؛ ھەرقانداق بىر ئادەم غۇرورىنى يوقىتىپ قويۇشنى خالىمايدۇ، پەقەت ئىتىبار بىلەن قاراش ۋە مۇھىم بىلىشلا بار بولىدۇ. لىكىن، دەسلىۋىدىلا سىز تەشەببۇسكار بولغىنىڭىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ قەدىرلىمەسلىككە باھانىسى چىقىدۇ؛ خۇددى ئايروپىلان ياكى پويىزغا ئوخشاش، ئۇ كىچىكىپ قالسا سىز ئۇنى ساقلايسىز، ئەمما سىز كىچىكىپ قالسىڭىز، ئۇ يولىغا كىتىۋىرىدۇ.
   ھەقىقى تۈردىكى كۆڭۈل بۆلۈش، ئاۋارىچىلىقتىن قورقماسلىق ھەم ئالدىراش بولىۋالماسلىق
   بىر ئادەمنى ھەقىقى تۈردە ياخشى كۆرۈشنى، يۇشۇرۇپ يۇشۇرۇپ قالغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى، ئازاپلىنىشقا قارىغاندا، ئۇ مۇھەببەتنى ئۆتكۈزۈۋىتىپ قېلىشتىن تېخىمۇ قورقىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ جۈرئىتى كەم بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى جاسارىتىنى ئۇرغىتىدۇ؛ قارشى تەرەپنى ئىزدىمەسلىككە چىداپ بولالايدۇ، ئەمما سېغىنىش ئوتىغا چىداپ بولالمايدۇ؛ ھەرقانچە پەرۋا قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋالسىمۇ، قارشى تەرەپكە يەنىلا ئىتىبار بىلەن قارايدۇ.
   سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويۇشنى خالىغان ئادەمگە، ھەرقانداق ئورۇن، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا يول ئۇدۇل كىلىۋىرىدۇ؛ سىزگە ھەمرا بولۇپ تاماق يىيىشنى خالىغان ئادەم، ئاچچىقنى، تاتلىقنى ۋە چۈچۈمەلنى ھەممىنى ياقتۇرۇپ يەيدۇ؛ سىزنى كۆرگىسى كەلگەن ئادەمنىڭ، بىر كۈن 24سائەت ئىچىدىكى ھەرقانداق ۋاقىتتا بوش ۋاقتى چىقىدۇ.
   كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىن بەدەل تۆلەيدۇ، ياخشى كۆرگەنلىكتىن كۆڭلى خالايدۇ. ئەگەر ئۇ ھەمىشە سىزنى ساقلاشقا قويسا، ئۇنى بىزار قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ ئۇنى ئاۋارە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىسىڭىز ۋە ئۇنىڭ ياقتۇرماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ يىغلاپ دەرت تۆكۈشكە پېتىنالمىسىڭىز، ئۇنداقتا، سىزنىڭ تۇيغۇڭىز، ئۇنىڭ قەلبىدە ئۇنچە مۇھىم ئەمەس. مۇھەببەتتە، ئەزەلدىن قولايلىق ياكى قولايسىز دەپ ئولتۇرمايدۇ، پەقەت خالاش ياكى خالىماسلىق مەسىلىسىلا مەۋجۇت بولىدۇ.
   ساپ مۇھەببەت ناھايىتى قىممەتلىك، ھەرگىز ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ
  قوغلاپ قولغا كەلتۈرۈش ئادەمنى چارچىتىدۇ، زورلاپ ئىرىشكىنى كۆڭۈلدىكىدەك بولالمايدۇ؛ مۇھەببەتنى ساقلاپ قالىمەن دەپ بەدەل تۆلەش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلەرنىڭ ھەممىسى، قارشى تەرەپنىڭ ياخشى كۆرمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن، سىز ئەگەر ئۇ سىزگە مۇئامىلە قىلغان ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇ بەلكىم ئاللىبۇرۇنلا ئايرىلىپ كىتىپ قالغان بولار ئىدى. بەلكىم، پەقەت ۋاز كەچكەن ۋاقتىڭىزدىلا، ئۇ ئاندىن سىزگە يېقىنلىشىشى مۇمكىن؛ بەلكىم ئايرىلىپ كىتىشنى تاللىغىنىڭىزدا، ئۇ ئاندىن قەدىرلەشنى ئۆگىنىشى مۇمكىن.
   سەمىمى مۇھەببەت پۇلغا يارىمايدۇ، ئەمما توغرا بولغان ئادەمگە ساپ مۇھەببەت بېغىشلىسىڭىز، ئۇنىڭ باھاسى تەڭداشسىز بولىدۇ.
   قارشى تەرەپمۇ تەشەببۇسكار بولغان ۋاقىتتا، سىزنىڭ تەشەببۇسكارلىقىڭىز، ئاندىن ئەھمىيىتىنى يوقاتمايدۇ؛ ئىرىمەيدىغان كۆڭۈلگە خۇشامەت قىلىمەن دىمەڭ، مۇھەببىتىڭىزنى قەدىرلەپ، ئۆزىڭىزگە قەرزدار بولۇپ قالماڭ. سىزنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىڭىزنىڭ جاۋاپقا ئىرىشەلىشىگە، مۇلايىملىقىڭىزنىڭ ياخشى مۇئامىلىگە ئىرىشەلىشىگە تىلەكداشمەن؛ ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىزنىڭ، سىزنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىشىغا تىلەكداشمەن!

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号