ئەمىلىيەتتە، ئاشقازان ساغلاملىقىنى ساقلاش تەس ئەمەس
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6188:قېتىم كورۇلدى
   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاشقازان كىسەللىكىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى بارغانسىرى يۇقىرىلاپ بارماقتا؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى خىزمەتچى خادىملار. گەرچە ئون ئادەمنىڭ ئىچىدە توققۇزىنىڭ ئاشقازىنى ياخشى ئەمەس چىقسىمۇ، ئەمما ئاشقازاندا كىسەللىك شەكىللىنىشكىمۇ، ناھايىتى ئۇزۇن بىر جەريان كىتىدۇ، كۆپىنچە ئۆزىمىز ئىتىبار بەرمىگەنلىكتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئاشقازاننى ساغلام ساقلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئاشقازاننىڭ نىمىلەردىن قورقىدىغانلىقىنى بىلىۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
   ئاشقازان نىمىدىن قورقىدۇ؟
ھەمىشە سۇغۇق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش
   ئاشقازان، "سۇغۇق"قا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، ئىسسىقلىقنى ياخشى كۆرىدىغان ئەزادۇر. ھەمىشە سۇغۇق يىمەكلىكلەرنى، مەسىلەن سۇغۇق ئىچىملىك، سۇۋۇپ قالغان تاماق، ماروژنى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىلساق، ئاشقازاننى ناچارلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
كەچلىك تاماقنى كىيىن يىيىش
   يىمەكلىكنىڭ ئاشقازاندىن كىچىك ئۈچەيگە كىرىپ ھەزىم بولىشىغا، تەخمىنەن ئىككى سائەت ۋاقىت كىتىدۇ؛ ئەگەر كەچلىك تاماقنى بەك كىيىن يىسەك، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا يىتەرلىك ۋاقىت يوق بولۇپ قېلىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىدا بىنورماللىق كۆرىلىدۇ.
تاماقتىن كىيىن دەرھال خىزمەتكە تۇتۇش قىلىش
   تاماق يەپ بولۇپلا ئولتۇرۇپ خىزمەتكە چۈشۈش ياخشى ئەمەس، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يىمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا، يىتەرلىك قان سۇيۇقلۇقى بولمىسا بولمايدۇ. ئەگەر تاماق يەپ بولۇپلا خىزمەتكە چۈشۈپ كەتسەك، قان سۇيۇقلۇقى مىڭىگە تەمىنىلىنىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا كىتەرلىك قان سۇيۇقلۇقى يىتەرلىك بولماي قالىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   ئاشقازاننىڭ ساغلام ھالەتتە تۇرۇشى ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك قىلىڭ!
بەدەننى ئىسسىق ساقلاش
   بولۇپمۇ ئاستا خارەكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان دوستلار، ئاشقازان قىسىمنى ئىللىق ساقلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم؛ سۇغۇق،  ئاشقازاننىڭ پائالىيىتىنى ئاسانلا ئاستىلىتىۋىتىدۇ، يەنە ھەتتا ئاشقازان سىپازمىسىنى(胃痉挛) كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئادەتتە ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ مۇۋاپىق تۈردە كىيىم قوشۇپ كىيىش، كىچىسى ئۇخلىغاندا ياخشى يۆگىنىپ ئۇخلاش كېرەك.
يىمەك-ئىچمەك لايىقىدا بولۇش
   ھازىرقىدەك كۈز پەسلىدە، ئاشقازاننىڭ ساغلام ھالىتىنى ساقلاش ئۈچۈن، يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئىسسىق، يۇمشاق، تۇزى كەم ۋە مايسىز بولۇشنى ئاساس قىلىش كېرەك.  ئادەتتە، ۋاقىت ۋە مىقدارنى بىكىتىپ شۇ بويىچە ئۇزۇقلىنىپ ئادەتلىنىش، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم ئۇزۇقلىنىش ۋە ئاشقازاننىڭ قانۇنىيەتلىك پائالىيىتىنى ساقلاش قاتارلىق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلماق لازىم.
غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يىمەكلىكلەردىن ساقلىنىش
   ئاشقازاننى ئاسرىماقچى بولغان دوستلار، ئېغىزىنى كونتىرول قىلىشنى بىلىشى كېرەك؛ بەك سۇغۇق ياكى بەك قىزىق، بەك قاتتىق، بەك ئاچچىق، بەك چاپلاشقاق قاتارلىق غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ئامال بار ساقلىنىش كېرەك.
ھاراق-تاماكىنى تاشلاش
   ھاراق تەركىبىدىكى ئىسپىرت بىلەن تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىننىڭ، ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىنى غىدىقلاش رولى بار بولۇپ، ئاسانلا ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىگە قان ۋە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىپ، ئاشقازان ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدۇ.
مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەت قىلىش
   ئۆزىمىزنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلىنىپ چېنىقىپ بەرسەك، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ كىسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كىسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
كەيپىيات تۇراقلىقىنى ساقلاش
   ئاشقازان كىسەللىكى، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئېغىرلىشىپ كىتىشى، ئادەمنىڭ كەيپىياتى ۋە روھى ھالىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. روھى ھالەتنىڭ خۇشاللىقى ۋە كەيپىياتنىڭ تۇراقلىقىنى ساقلاش ھەمدە جىددىلىشىش، تەشۋىشلىنىش، غەم-ئەندىشە قىلىش قاتارلىق ناچار كەيپىياتلارنىڭ غىدىقلىشىدىن ساقلىنىش لازىم.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号