ئۇزۇن مۇددەت مۇھەببەت كەمچىل ئاياللار قانداق بولۇپ قالىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5853:قېتىم كورۇلدى
   خۇددى بېلىق سۇدىن ئايرىلالمىغانغا ئوخشاش، ئاياللارمۇ ئەركىشىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ چۈنكى، ئايال كىشى مۇھەببەتنىڭ قۇۋۋەتلەپ تۇرىشىغا مۇھتاج، بۇنىڭدا ئۇلار ئاندىن تېخىمۇ چىرايلىقلىشىپ، بارغانسىرى ياشىرىپ كىتىدۇ. ئەمما ئايال كىشى توي قىلغاندىن كىيىن، ئۇلاردا ئۇزۇن مۇددەت مۇھەببەت كەمچىل بولسا، تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ!
مىجەزى بارغانسىرى تىرىككەك بولۇپ قالىدۇ
   ئۇزۇن مۇددەت ئەركىشىنىڭ كۈيۈنىشىگە ئىرىشەلمىگەن ئايال كىشىنىڭ، ئاچچىقى بارغانسىرى يامان، مىجەزى بارغانسىرى تىرىككەك بولۇپ قالىدۇ؛ بەزىبىر كىچىك ئىشلارمۇ، ئۇلارنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئىچكى دۇنياسىدىكى بېسىم قويۇپ بىرەلمەي، جىدەللىشىش، نەرسە-كىرەك چېقىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بولسا، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى، ئەركىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن بولىدۇ. شۇڭا، ئەر كىشى ھەرۋاقىت ئايالىغان كۈيۈنىشىنى ۋە مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ تۇرۇشى كېرەك.
بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولغان سەۋەپلىك ئۆزىگە ئىشەنمەس بولۇپ قالىدۇ
   توي تۇرمۇشىدا، مۇھەببەت كەمچىل ئاياللار ئاسانلا ئىرىشىش ۋە يوقىتىشنى كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئىرىنىڭ ئۇلارغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمىگەندە، ئۇلار بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ سالدىممۇ، سەتلىشىپ قالدىممۇ، ئىرىم مىنى ياخشى كۆرمەس بولۇپ قالدىمۇ دەپ قالايمىقان ئويلاپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كېمىيىپ كىتىدۇ ھەمدە بۇ  سەۋەپلىك ئۆزىنى ئىقتىدارسىز ھىس قىلىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار قالايمىقان ئويلاۋىرىپ، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، بەلكىم خامۇشلىشىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
ھەۋەس-قىزىقىش يىتىلدۈرۈش خوشياقمايدىغان بولۇپ قالىدۇ
   ئىرىنىڭ كۈيۈنىشى بولمىغان ئايال كىشىگە، ھەرقانداق ئىش خوشياقماس بولۇپ قالىدۇ، ئۇلار ھەتتا گىرىم قىلىپ ياسىنىشقىمۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يوق بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئەگەر ئىرىنىڭ دىققىتى ئۇلاردا بولمىسا، ئۇلار ياسىنىپ كىمگە كۆرسىتىدۇ دەيسىز؟ بۇ ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى بارغانسىرى پاسسىپلىشىپ، ئۆزىنىڭ قىزىقىش-ھەۋەسلىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ئاخىرى بېرىپ دوستلار چەمبىرىكىمۇ كىچىكلەپ كىتىدۇ.
تالاغا قارايدۇ
   توي تۇرمۇشىدا ئۇزۇن مەزگىل مۇھەببەت كەمچىل بولغان ئايال كىشىدە، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىمۇ كەمچىل بولىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار تەبىئىيلا چىقىپ كۆڭۈل خوشى ئىزدەيدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، ئايال كىشى تالاغا قارىسا، قارشى تەرەپنىڭ پۇلىنى كۆزلىگەن سەۋەپتىن ئەمەس، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ ئۇنىڭغا مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىق بىرەلىگەنلىكىدىن بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ، ئىرىنىڭ ئۈستىدىن بۇ نەرسىلەرگە ئىرىشەلمىگەن بولىدۇ. مۇھەببەت كەمچىل ئاياللارغا، پەقەت بىرەر ئەركىشى ئازراقلا كۆڭۈل بۆلۈپ قويسا، مەسىلەن ئاغرىپ قالغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ قويسا، ئۇنداقتا ئايال كىشى چوقۇم ئۇ ئەركىشىنىڭ كەينىدىن كىتىپ قالىدۇ. خارەكتىرى ھەرقانچە كۈچلۈك ئايال كىشىمۇ، ئەركىشىنىڭ كۈيۈنۈشىگە ۋە يۆلەنچۈك بولىشىغا مۇھتاج بولىدۇ.
   ئۆز-ئارا ياخشى كۈرۈشۈپ تۇرمۇش قۇرماق ئاسان ئەمەس، بىر ئۆتۈشنى تاللىغان ئىكەنمىز، ئاسانلىقچە قول قويىۋەتمەسلىك كېرەك؛ بولمىسا، ئۇزۇن مەزگىللىك سۇغۇق مۇئامىلە، ھەرقانچە چوڭقۇر مۇھەببەتنىمۇ سۇسلاشتۇرۋىتىدۇ.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号