بۇنى كۆرسىڭىز، بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاشنى بىر ئۆمۈر ئۇنۇتمايسىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5696:ئادەم ئۆگەندى
   دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئارتۇق ھاياتلىقنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدىكەن. دىمەك، بىخەتەرلىك تاسمىسى، ھاياتلىق يولىغا باراۋەر دىگەنلىكتۇر. ئەمما، ئەگەر بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسىڭىز، ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. تۆۋەندىكى بۇ ھەرىكەتلىك رەسىملەر، بەلكىم ئازراق بىئارام بولىشىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئىھتىياتچانلىق بىلەن كۆرۈڭ!
   بۇ، كىرىشتۈرۈپ ئېلىنغان كىنو-فىلىم سۈرەتلىرى ئەمەس؛ بۇ، رىئاللىقتا ھەقىقى يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ماشىنا ھادىسىسى! بۈگۈندىن باشلاپ، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلماڭ، ھاياتلىق قەدىرلەپ بىخەتەر يول يۈرۈڭ!
   بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىۋالسىڭىز، بىخەتەرلىك كۆپرەك بولىدۇ! ھەرقانداق چۈشەندۈرۈش ۋە باھالاشنىڭ ھەممىسى ئارتۇقچە؛ ھادىسە يۈز بەرگەندە، ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش كاپالىتى ئارتۇقراق بولۇش ئۈچۈن، يەنىلا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋىلىڭ.
ھادىسە كۆرۈلگەن ئاشۇ پەيتتە، ئۇ ئادەم دەرىزىدىن ئۇچۇپ چىقىپ، كۆۋرۈك ئاستغا چۈشۈپ كەتتى.
ئەگەر بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالغان بولسا، ئۇ ماشىنا ئىچىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كىتەرمىدى؟
   ماشىنىدا ئولتۇرغانلارمۇ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چوقۇم تاقىۋىلىش كېرەك، ھادىسە يۈز بىرىپ قالسا، تۇتىۋالىمەن دەپمۇ تۇتىۋالالمايسىز.
   بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋىلىش، دوختۇر داكىسىغا ئورىلىپ قالغاندىن مىڭ ياخشى.
   تىراگىدىيە قايتا كۆرۈلمىسۇن!
   تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، كەينى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئادەم، ئادەتتە كۆپىنچىسى ئالدىنقى قاتاردىكى ئورۇنغا قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر دەپ قارايدۇ.
   بۇ بۆلەك سوقۇلۇش سىنىقى، 56كىلومىتىر سائەتلىك سۈرئەتتە ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئۈسۈشكەنگە تەقلىد قىلىنغان؛ بۇ ۋاقىتتا، بىخەتەرلىك يەل خالتىسى ئېتىلىپ چىقىپ قوغدايدۇ، بىخەتەرلىك تاسمىسى بولسا، ئالدىنقى ئورۇندا ئولتۇرغان شوپۇرنى چىڭ تارتىپ قوغداپ، ئالدىغا سوقۇلۇپ كىتىشتىن ساقلايدۇ. لېكىن، كەينى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئادەم بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغان بولغاچقا، ئۇ ب ىراقلا ئالدىدىكى ئورۇندۇققا ئۈسۈپ سوقۇلغان.

   بۇ ئۈچ يۈرۈش رەسىمدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، كەينى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئادەم بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىغانلىقتىن، ئالدىدىكى ئورۇندۇققا ئۈسۈپ، شوپۇرنى بىراقلا قىسىپ ھامبۇرگ بولكىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.
   بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاش ھەققىدىكى خاتا قاراشلار
   بىخەتەرلىك يەل خالتىسى بولغاچقا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تارتمىسىمۇ بولىدۇ: بىخەتەرلىك يەل خالتىسىنىڭ پارتلاش كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئەگەر بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ تارتىپ تۇرۇش كۈچى بولماي يەل خالتىسىغا بىراقلا سوقۇلساق، بەدەنگە ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلىنىش ئېلىپ كىلىدۇ.
   كەينى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغانلار بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسىمۇ بولىدۇ: ئېغىر قاتناش ھادىسىسىدە، كەينى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانلارنىڭ يارىلىنىش ۋە ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتى، ئالدىنقى قاتاردىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغانلارنىڭكىدىن تۆۋەن ئەمەس. ماشىنا سۈرئىتى ئاستا بولغان تەقدىردىمۇ، ئەگەر ماشىنا ئىچىدىكى ئادەم ئورۇندۇقتىكى بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ مۇقىملاشتۇرۇشىدىن ئايرىلىپ قالسا، كەينى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ۋە ئالدى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان ئادەمنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى ئىھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.
   ماشىنا سۈرئىتى ئاستا بولسا بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسىمۇ بولىدۇ: سىزنىڭ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىڭىز ھەرقانچە ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، سۈرئەت ھەرقانچە ئاستا بولسىمۇ، بەزى ئەھۋاللارنى سىز كونتىرول قىلالمايسىز. مەسىلەن، باشقىلارنىڭ ماشىنىسى يۇقىرى سۈرئەتتە كىلىپ سىزگە سوقۇلسا، ئوخشاشلا سىزنىڭ ماشىنىڭىزدىكى ئادەمنىڭمۇ يارىلىنىشىنى ياكى ئۆلۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاش راستىنلا ھاياتلىقنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ!
   ئىككى ماشىنا ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل سوقۇلغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى توغرا ئىشلىتىش، ئۆلۈپ كىتىش نىسبىتىنى %57 ئازايتالايدۇ؛ يان تەرەپتىن سوقۇلغاندا %47ئازايتالايدۇ؛ ماشىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە %80 ئازايتالايدۇ. بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاشقا پەقەت ئۈچ سىكونت ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، ئەمما بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىمىسىڭىز، پۈتكۈل ئۆمرىڭىز كىتىپ قېلىشى مۇمكىن. ئىشەنمىسىڭىز تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ!
   شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئايال، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىغانلىقى ئۈچۈن، پەقەت يىنىكلا يارىلانغان.

   بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىغان شوپۇر ساق قالغان.
   بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىغان شوپۇر، پەقەت يىنىك زەخمىلىنىشكە ئۇچرىغان.

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号