ئەرلەر نىمىشقا باشقا ئايال كىشىنى ئەزەلدىن رەت قىلمايدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5903:قېتىم كورۇلدى
   مەيلى توي قىلىپ بولغان ئەركىشى بولسۇن ياكى توي قىلمىغان بويتاق ئەر كىشى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئورتاق كىسىلى بار؛ ئۇ بولسىمۇ، ئۆزىگە كۆڭلى بار ئايال كىشىنى، ئۇلار ئەزەلدىن رەت قىلىۋەتمەيدۇ، پەقەت پۇرسەت بولسىلا، ھەزىم قىلالىشى ياكى قىلالماسلىقى بىلەن چاتىغى يوق، ھەممىنى باغرىغا تارتىدۇ. ئۇلار، ئايال كىشىنىڭ بۇنداق كۆڭلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن رەت قىلىۋەتمەيدۇ، ئەكسىچە يىپنى ئۇزۇن قويىۋىتىپ بىلىق تۇتماقچى بولىدۇ؛ ئۇلار ئايال كىشىنىڭ بۇ خىل مۇھەببەت خاھىشى ۋە زوقلىنىشىنى، بىر خىل نەتىجە دەپ قارايدۇ ھەمدە كۆز-كۆز قىلىش مەبلىغى ھىسابلاپ، ئەل-ئاغىينىلىرى ئارىسىدا خىجىل بولماستىن ماختىنىپ يۈرىدۇ.
   ئەگەر سىز بۇنداق ئەرلەرنى ياخشى ئەر ئەمەس دىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا راستىنلا ياخشى ئەر يوق بولغان بولىدۇ. سىز بەلكىم، مەن يولۇققان ئەركىشى رەت قىلىشنى بىلىدۇ دىيىشىڭىز مۇمكىن؛ مىنىڭچە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بەلكىم بۇنداق پۇرسەتنى تېخى ئۇچراتمىغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ھەرقانداق بىر ئەركىشىدە، بۇ خىل پىسخىكا بار؛ ئەگەر بىر ئايال كىشى بىر ئەركىشىنى قوغلاشسا، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلسا، ئەركىشى ئۇ ئايال كىشىنى ياخشى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئايال كىشىنىڭ مۇھەببىتىنى ۋە ياخشى مۇئامىلىسىنى خاتىرجەم ھالدا قوبۇل قىلىۋىرىدۇ.
   نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىدە، مۇھەببەتكە ساداقەتسىزلىك قىلىشقا پۇرسەت چىقماسلىقى مۇمكىن؛ بۇنىڭ سەۋەپلىرى نۇرغۇن بولۇپ، بەلكىم جۆرىسى ھەرۋاقىت يېنىدا بىللە بولۇشى مۇمكىن، ياكى بەك يۇۋاش بولۇشى مۇمكىن، ۋە ياكى ھىسىي كۆرسەتكۈچى تۆۋەن، ئاياللارنى كەلتۈرۈشنى بىلمەيدىغان بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلارنىڭ پۇرسىتى تەبىئىيلا ئاز بولىدۇ. بىراق بەزى ئەرلەر، تۇغۇلما ھىسي كۆرسەتكۈچى يۇقىرى كىلىدىغان بولۇپ، پۇرسەت ھەرقاچان ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا بولىدۇ؛ بۇنداق ئەرلەر، ھەمىشە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ باشقا ئاياللارنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۋىلىپ، كىيىنكى كۈنلەردە ئىشلىتىش پۇرسىتى چىقىپ قېلىشىنى ساقلايدۇ.
   ئەرلەرنىڭ تەبىئىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئۆمرىدە بىرلا ئايال كىشىنى ياخشى كۆرۈش ئىھتىماللىقى، ئىنتايىنمۇ كىچىك.
   ئادەمنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزگەرتمەك تەس. ئەركىشى مەيلى توي قىلىپ بولغان بولسۇن ياكى مۇھەببەتلىشىۋاتقان بولسۇن، پەقەت ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە تەۋرىنىش پەيدا قىلالايدىغان، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئاياللار بولسىلا، ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن باش تارتمايدۇ؛ مەيلى قىسقا مەزگىللىك بولسۇن ياكى ئۇزۇن ۋاقىتلىق بولسۇن، ئۇلار بۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىگە تەۋە بىر خىل مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىققا ئىرىشەلەيدۇ ھەمدە ب تۇرمۇشنىڭ بېسىمىنى سەۋەپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ جىم تۇرمايدىغان كۆڭلىگە مۇۋاپىق بىر باھانە ئىزدەيدۇ.
   ئۇلار قاچىدىكىنى يەپ تۇرۇپ چۆمۈچتىكىگە نەزەر تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئىستىكى مەڭگۈ قانائەتلىنىشنى بىلمەيدۇ. چۈنكى بۇ، ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدۇر.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号