ئانار يىگەندە ئۇرۇغىنى تۈكۈرۋىتىش كېرەكمۇ ياكى يەۋىتىش كېرەكمۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5817:قېتىم كورۇلدى
   ئانار، ئىنتايىن چىرايلىق ھەم تەملىك بىر خىل مىۋە بولۇپ، مىۋە ئېتى خۇددى ھېقىققا ئوخشاش قىزىل، تەمى تاتلىق؛ ئانار يەپ باققان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، بۇ خىل مىۋىنىڭ پوستىنى ئاجرىتىش تەس بولۇپلا قالماي، ئۇرۇغىمۇ ئىنتايىن كۆپ. بىراق، بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، ئانار تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇقنىڭ ھەممىسى ئۇرۇغىغا يېغىلغان بولغاچقا، ئۇلار ئانار يىگەندە ئەزەلدىن ئۇرۇغىنى تۈكۈرمەي قوشۇپ بىللە يەيدىكەن.
   ئانارنىڭ ئۇرۇغى تەركىبىدە، ئانار ئۇرۇغى پولىفىنولى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۇزۇقلۇق ماددا بار؛ بۇ خىل ماددا، كۈچلۈك بولغان بىر خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بولۇپ، بوغۇملارنىڭ ئىلاستىكىلىقى ۋە تىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلاشقا، قان تومۇرلارنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. جۇڭيى تىبابىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئانارنى ئۇرۇغى بىلەن قوشۇپ يىگەندە، ئېغىز تىللىرىغا يارا چىقىپ قېلىشنى ۋە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى داۋالاشقا پايدىلىق بولۇش بىلەن بىرگە، ئاشقازاندىكى يېغىلىپ قالغان يىمەكلىك ماددىلارنى ھەزىم قىلىش ئۈنۈمىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، ئانار يىگەندە ئۇرۇغىنى تۈكۈرۋىتىش كېرەكمۇ ياكى قوشۇپ بىللە يەۋىتىش كېرەكمۇ؟ ئانار ئۇرۇغىنى قانداق يىگەندە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ؟
   ئەڭ ياخشىسى، ئانار ئۇرۇغىنى چايناپ ئىزىۋەتكەندىن كىيىن ئاندىن يۇتۇش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇلدا، تەم جەھەتتە گەرچە ئىتتىك كۆنۈپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى كىشىلەرگە بىرقەدەر ماس كىلىدۇ. ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى تازا ياخشى بولمىغان كىشىلەر بولسا، ئۇرۇغى بىلەن قوشۇپ ئېغىزىدا بىردەم چايناپ ئەزگەندىن كىيىن، قايتىدىن تۈكۈرۈپ چىقىرۋىتىش كېرەك؛ بۇنىڭدا، تەركىبىدىكى ئۇزۇقلۇقنى سۈمۈرۈش بىلەن بىرگە، ئاشقازان ئۈچەيگە بېسىم چۈشۈپ قالمايدۇ. بىراق، كىچىك بالىلار ۋە ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ناچار كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلار ئانار ئۇرۇغىنى ئاسانلىقچە ھەزىم قىلالمايدىغان بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى تۈكۈرۋىتىشى كېرەك.
   ئەڭ ياخشى ئۇسۇل بولسا، ئانارنى ئۇۋاپ، مىۋە سىقىش ماشىنىسىدا سىقىپ شەربەت قىلىپ ئىچسەك، بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشى تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ ھەمدە ئۇرۇغىنى تۈكۈرۋىتىش ياكى تۈكۈرۋەتمەسلىك مەسىلىسىدە باش قاتۇرمىساقمۇ بولىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号