قوساقنى ئۇرۇقلىتىشتىكى ئەڭ تىز ھەم ئەڭ ئۈنۈملۈك يەتتە ھەرىكەت
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5873:قېتىم كورۇلدى
   تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ، سېمىزلىك مەسىلىسى نۇرغۇن كىشىلەرنى بىئارام قىلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. نۇرغۇن كىشىلەر گەرچە ھەرىكەت قىلىپ ئۇرۇقلاشنى ئۈمىت قىلسىمۇ ۋە بۇنىڭغا ئىرادە باغلىسىمۇ، ئەمما خىزمەت ۋە تۇرمۇش، ۋاقىت قاتارلىق ھەر تۈرلۈك شارائىتلارنىڭ يار بەرمەسلىكى سەۋەبىدىن، كۆڭۈلدىكىدەك ئۇرۇقلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئۆزى ئاددى، ئەمما ئۇرۇقلىتىش ئۈنۈمى ياخشى ھەم تىز بولغان يەتتە يۈرۈش ھەرىكەتنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ھەربىر يۈرۈش ھەرىكەتنى ھەر قېتىمدا 30نۆۋەتتىن ئىشلەشنى بىرمەزگىل داۋاملاشتۇرسىڭىز، يوغان قوساق بىلەن ئاسانلا خوشلىشىسىز.
بىرىنچى يۈرۈش ھەرىكەت
   1. تۈز يەردە دۈم ھالەتتە ياتىمىز، بەدەننى تۈز تۇتىمىز؛
   2. ئىككى قولىمىزنىڭ جەينىكىدە ۋە ئىككى پۇتىمىزنىڭ ئۇچىدا يەرنى تىرەپ بەدەننى كۆتۈرۈپ تۇرىمىز(بەدەننى چوقۇم تۈز تۇتۇش كېرەك)؛
   3. ساغرا قىسىم كۈچىدىن پايدىلىنىپ، بەدەننى ئوڭ-سول تەرەپكە بۇراپ ھەرىكەتلەندۈرىمىز.
ئىككىنچى يۈرۈش ھەرىكەت
   1. يەردە ئولتۇرۇپ بەدەننى تۈز ھەم تىك تۇتىمىز؛
   2. ئىككى تىزىمىزنى ئىگىمىز، پۇتلىرىمىزنىڭ ئۇچىنى بولسا ئالدى تەرەپكە تۈز قارىتىمىز
   3. بەدەننىڭ ئۈستى قىسمىنى كەينى تەرەپكە ئازراق يانتۇ قىلىپ، ئىككى قولىمىزنى ئالدى تەرەپتە بىر-بىرىگە چاپلاشتۇرۇپ تۈز سوزۇپ تۇرۇپ، بەدەننى ئوڭ-سول ئىككى تەرەپكە ئايلاندۇرىمىز.
ئۈچىنچى يۈرۈش ھەرىكەت
   1. يەردە ئوڭدىسىغا تۈز ياتىمىز؛
   2. ئىككى قولىمىزدا بېشىمىزنى تۇتۇپ، مۈرىمىزنى ۋە بېشىمىزنى ئازراق كۆتىرىمىز؛
   3. ئىككى پۇتىمىزنى تۈز سۇنۇپ ئۈستىگە ئازراق كۆتۈرگەندىن كىيىن، تىزىمىزنى ئىگىپ يۇقىرىغا كۆتۈرىمىز.
تۆتىنچى يۈرۈش ھەرىكەت
   1. ئىككى بىلىكىمىزنى تۈز سۇنۇپ يەرنى تىرەپ تۇرىمىز؛
   2. ئىككى پۇتىمىزنىڭ ئۇچىدا يەرنى تىرەپ تۇرۇپ، قوساقنى ئىچىگە تارتىمىز؛
   3. ئىككى تىزىمىزنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ يۇقىرى تەرەپكە قارىتىپ ئىگىمىز.
   4. بۇ يۈرۈش ھەرىكەتنى ھەر قېتىمدا ھەربىر پۇتىمىزدا 30 نۆۋەتتىن ئىشلەيمىز.
بەشىنچى يۈرۈش ھەرىكەت
   1. يەردە ئوڭدىسىغا تۈز ياتىمىز؛
   2. ئىككى قولىمىزدا بېشىمىزنى تۇتۇپ، مۈرىمىز بىلەن بېشىمىزنى ئازراق كۆتىرىمىز؛
   3. ئىككى پۇتىمىزنى تۈز سۇنغان ھالەتتە كۆتۈرۈپ، ئىككى پۇتىمىزنى ئۆز-ئارا كىسىشتۈرۈپ ھەرىكەتلەندۈرىمىز.
ئالتىنچى يۈرۈش ھەرىكەت
   1. يەردە ئوڭدىسىغا تۈز ياتىمىز؛
   2. ئىككى تىزىمىزنى ئىگىپ قوساقنى ئىچىگە تارتىمىز؛
   3. ئىككى قولىمىزدا بېشىمىزنى تۇتۇپ، مۈرىمىز بىلەن بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ قوساق قاتلاش ھەرىكىتى ئىشلەيمىز.
يەتتىنچى يۈرۈش ھەرىكەت
   1. يەردە ئوڭدىسىغا تۈز يېتىپ، مۈرىمىز بىلەن بېشىمىزنى ئازراق كۆتۈرىمىز؛
   2. ئىككى قولىمىزنى بەدەننىڭ ئىككى يېنىغا تۈز قويىمىز؛
   3. ئىككى قولىمىزنىڭ ئۇچىدا، نۆۋەت بويىچە پۇت ھوشىقىمىزنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئىشلەيمىز.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号