ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن سۇ ئاقىدىغان بولۇپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
   ئادەتتە، بەزىدە ئۇخلىغان ۋاقتىمىزدا ئېغىزىمىزدىن سۇ ئېقىپ، ياستۇقنى ھۆل قىلىۋېتىدۇ. ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن سۇ ئېقىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئۇخلاش ھالىتى ياخشى بولماسلىق، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكى، زىيادە ھاياجانلىنىش، ئاشقازان-ئۆت بىنورماللىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى، ئادەمنىڭ ئۇخلىغاندا ئېغىزىدىن سۇ ئېقىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا، ئۇخلىغاندا ئېغىزىمىزدىن سۇ ئېقىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟
   ئالدى بىلەن، ئۇخلاش ھالىتىمىزنى چوقۇم توغرىلىشىمىز كېرەك، ئۈستەلگە ئارتىلىپ ياكى ئورۇندۇققا يۆنىلىپ ئۇخلاشقا بولمايدۇ؛ چۈنكى، بۇ خىل ھالەتتە ئۇخلىغاندا ئېغىزىمىزدىن ئاسانلا سۇ ئېقىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ئۇخلاش ھالىتىمىزنى توغرىلاپ، كارىۋاتتا تۈز يېتىپ ياكى يان تەرىپىمىزنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلىشىمىز كېرەك.
   ئۇخلاشتىن ئاۋۋال نەرسە كېرەك يېمەسلىك ھەمدە چىشىمىزنى چوتكىلىشىمىز لازىم. ئادەتتە، كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال چىشنى چوتكىلاپ بولغاندىن كىيىن، ئېغىز بوشلۇقىمىزنى قايتا-قايتا چايقاپ، ھېچقانداق تاتلىق ياكى تۇز تەمى قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
   ئەگەر ئاستى ئۈستىدىكى چىشلىرىمىزنىڭ ئورنى نورمال بولمىسىمۇ، ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن سۇ ئېقىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ غەلىتە شەكىللىك چىش بار يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈپ بېقىش، ئەگەر بار بولسا ۋاقتىدا تۈزەش قىلدۇرۇش لازىم.
   ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن سۇ ئېقىش مەسىلىسى، ئۆتنىڭ ئىقتىدارىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىنمۇ بولۇشى مۇمكىن؛ شۇڭا، قوناق، چىلان، پېچەكگۈل، ھەسەل قاتارلىق ئۆت ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ سىناپ باقساق بولىدۇ.
   بۇندىن باشقا، چىش مىلىكى ياللۇغى قاتارلىق بەزىبىر كېسەللىكلەرمۇ ئۇخلىغاندا ئېغىزدىن سۇ ئېقىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا بالدۇرراق دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنۈپ داۋالىنىش لازىم.

ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى ئادەمنى دۆتلەشتۈرۈپ قويىدۇ

ھازىرقى جەمئىيەتتە، رىقابەت كەسكىنلىشىپ روھى بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ھارغىنلىق ھالە

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号