جەمئىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، يېمەكلىك خۇرۇچى(食品添加剂)، ئادەمگە زىيانلىق بولغان، ھەتتا قانۇنسىز بولغان بىر خىل نەرسە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھەقتە مىنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، يېمەكلىك خۇرۇچىغا بولغان خاتا قارىشىڭىزنى توختىتىڭ!

بۈگۈن بىز، يېمەكلىك خۇرۇچى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى!
يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ ئىشلىتىلىشى تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، ھازىرقى زامان يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سەنئىتىنىڭ ئىلغارلىشىشى ۋە يېمەكلىك سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېمەكلىك خۇرۇچى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە ئىشلىتىشمۇ زور دەرىجىدە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلدى. گەرچە ئىستېمالچىلارنىڭ يېمەكلىك خۇرۇچىغا قارىتا بەلگىلىك تونۇشى بار بولسىمۇ ھەمدە ئۇنى قوبۇل قىلالىسىمۇ، ئەمما تونۇش جەھەتتە يەنىلا بەزىبىر خاتا قاراشلار-كىشىلەردە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكلىكىگە قارىتا گۇمانىي قاراش بار. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېمەكلىك خۇرۇچىغا قارىتا توغرا تونۇش تىكلەش، بىرقەدەر مۇھىم.
يېمەكلىك خۇرۇچى دېگەن نېمە؟
دۆلىتىمىزنىڭ "يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىك قانۇنى" قاتارلىق قانۇن-تۈزۈملەردە بېكىتىلگەن ئۇقۇمغا ئاساسلانغاندا، ئاتالمىش يېمەكلىك خۇرۇچى، يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى ۋە رەڭگى، پۇرىقى قاتارلىقلارنى ياخشىلاش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يېڭى ساقلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش سەنئىتىنىڭ ئېھتىياجى قاتارلىقلار ئۈچۈن، يېمەكلىككە قوشۇلغان تەبىئىي ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈلگەن ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ. دۆلىتىمىزدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك خۇرۇچلىرىدىن، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇرۇچى، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇرۇچى، قويۇقلاشتۇرۇش خۇرۇچى، ئىمۇلىسىيلەشتۈرۈش خۇرۇچى، تاتلىق تەم خۇرۇچى، رەڭ كىرگۈزۈش خۇرۇچى قاتارلىق يىگىرمە خىلدىن ئارتۇق يېمەكلىك خۇرۇچلىرى بار.

ئىستېمالچىلارنىڭ يېمەكلىك خۇرۇچىغا قارىتا خاتا چۈشەنچىدە بولۇشىنىڭ بىر قىسىم سەۋەبى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ چىقىشى بولۇپ، بولۇپمۇ قانۇنسىز قوشۇندى ماددىلار، يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ نامىنى بۇلغىۋەتكەن.
يېمەكلىككە چوقۇم يېمەكلىك خۇرۇچى قوشۇش كېرەكمۇ؟
يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، يېمەكلىك سانائىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا ئەگىشىپ كەلگەن؛ ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى، ئىككى جەھەتتە گەۋدىلىنىدۇ: بىرسى پىششىقلاپ ئىشلەش سەنئىتىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، يەنە بىرسى بىزنىڭ تەم ۋە ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرۇش.

يېمەكلىك خۇرۇچى، ئادەتتە تۆۋەندىكى نەچچە خىل مەقسەتتە ئىشلىتىلىدۇ:
1. يېمەكلىكنىڭ ئەسلى ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ساقلاپ قېلىش ياكى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ مەسىلەن يۇقىرى كالتسىيلىق پىرەنىك، يۇقىرى تۆمۈرلۈك جياڭيۇ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق كۈچەيتكۈچ خۇرۇچى قاتارلىقلار.
2. بەزىبىر ئالاھىدە يېمەكلىكلەرنىڭ زۆرۈر بولغان خام ماتېرىيالى ۋە تەركىبى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ؛ مەسىلەن، بوۋاقلار رېتسېپلىق سۈت پاراشوكىغا ئىشلىتىلگەن كىسلاتالىق دەرىجىسىنى تەڭشىگۈچى كالى كاربونات، كالى ھىدروكاربونات قاتارلىقلار
3. يېمەكلىك سۈپىتى ۋە تۇراقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ مەسىلەن، ئسىتىمال مېيى تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا قاتارلىقلار
4. يېمەكلىكنىڭ سېزىم ئەزالارغا تەسىر قىلىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزگەرتىش؛ مەسىلەن، ماروژنى تەركىبىدىكى قويۇقلاشتۇرۇش خۇرۇچى قاتارلىقلار.
5. يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئوراپ قاچىلاش، توشۇش ياكى ساقلاش قاتارلىقلارغا قولايلىق ياكى پايدىلىق؛ مەسىلەن، گۆش كونسېرۋاسى ئىچىدىكى چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇرۇچى قاتارلىقلار.
ئەگەر يېمەكلىك خۇرۇچى بولمىسا

يېمەكلىك خۇرۇچلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا، نۇرغۇنلىغان يېمەكلىكلەر قايتا مەۋجۇت بولمايدۇ.
بولكىدا كۆپتۈرۈپ بوشىتىش خۇرۇچى بولمىسا، كۆپۈپ يۇمشاق چىقمايدۇ.
ئەگەر يېڭى ساقلاش خۇرۇچى بولمىسا، قىش ۋە باھار پەسىللىرىدە مېۋە-چىۋە يىيەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.
شاكلات، ماروژنى قاتارلىقلارغا ئىمولىسىيەلەشتۈرۈش خۇرۇچى قوشۇلمىسا، تەمىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن ياكى شەكلىنى مۇقىملاشتۇرغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
....
يېمەكلىك خۇرۇچى قوشۇش قانۇنسىز ماددا قوشقانغا باراۋەرمۇ؟
يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلىتىشنىڭ بەدەنگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ئەنسىرگەن ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن بىر نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش كېرەك.
مەسىلەن، ئۈچلۈك پولىسىئانىد، سۇدەنخۇڭ، قارا گۆش جەۋھىرى قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار، يېمەكلىك خۇرۇچلىرىغا تەۋە ئەمەس، بەلكى قانۇنسىز قوشۇندى ماددىلارغا تەۋە. نۆۋەتتە يېمەكلىك خۇرۇچىنىڭ مەسىلىسى، ئاساسلىقى ئۆلچەمدىن ھالقىغان ۋە دائىردىن ھالقىغان ئىشلىتىشتە كۆرىلىدۇ.