بەزىلەر نىمە ئۈچۈن ئۇخلىغانسىرى تېخىمۇ ھارغىن بولۇپ قالىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5941:ئادەم ئۆگەندى
   نەچچە كۈن ئىلگىرى، دوستۇم ئۆزىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ياتىدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ ئۇ گەرچە ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ياتقاندا ئازراق بىئارام بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا شۇنداق قىلغان. چۈنكى ئۇ توردا، ئادەمنىڭ يۈرىكىنىڭ سول تەرەپكە جايلاشقانلىقى، ئەگەر سول تەرىپىنى بېسىپ ياتسا يۈرەكنى بېسىپ بىرىدىغانلىقى ھەمدە ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ياتسا بۇ ئەھۋالدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى، شۇڭا ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ ياتسا ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى كۆرگەن.
   بۇ قاراش، ئاڭلىماققا مەسىلە يوقتەك كۆرىلىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بولسا، ئىلمى ئاساسى يوق بىر گەپ.
   ئادەم ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ئۇخلاش ھالىتى ھەرخىل ھەرياڭزا بولىدۇ، بىر خىل ھالەتتە بىر ياتقانچە كىچىنى تاڭ ئاتقۇزىدىغان كىشىلەر ئىنتايىن ئاز؛ ئەگەر ئۈستىدىكى قاراش راست بولسا، ناۋادا ئۇيقۇچىلىقتا تاساددىبى ئۆرۈلۈپ سول تەرىپىنى بېسىپ يېتىپ قالسا، يۈرىكىنى بېسىپ كىسەل قىلىپ قويمامدۇ؟
   ھازىرقىدەك "ئۇيقۇ ساغلاملىقى" تەرپ قىلىنىدىغان بۇ زاماندا، سىز كىچىلىرى قانداق يېتىپ ئۇخلاشنى ئوبدان ئۆگىنىۋىلىشىڭىز كېرەك.
   ئەگەر مەن سىزگە، ھېچقانداق بىر خىل ئۇخلاش ھالىتىنى ئالاھىدە ياخشى ياكى قەتئى بولمايدۇ دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتىقىلى بولمايدۇ، قانداقسىگە يېتىپ ئۇخلىغاندا راھەت ھىس قىلسا، شۇ خىل ئۇخلاش ھالىتى ئەڭ ياخشى بولىدۇ دىسەم، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
   ئەمىلىيەتتە، مەيلى قايسى خىل ئۇخلاش ھالىتى بولمىسۇن، ھەممىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار.
سول يېنىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلاش
   گەرچە "سول تەرىپىنى بېسىپ ياتسا يۈرەك بېسىلىپ بىرىدۇ" دىگەن قاراشتىكىلەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما تەكشۈرۈش سىتاستىكىلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، سول تەرىپىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلاپ كۆنگەن كىشىلەرنىڭ يۈرەك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى، ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلاپ كۆنگەن كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپ تۆۋەن بولىدىكەن.
   ئادەمنىڭ يۈرىكى، كۆكرەك قەپىزى ئىچىگە جايلاشقان، شۇڭا ناھايىتى ياخشى قوغدىلىشقا ئىرىشىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، بىز سول تەرىپىمىزنى بېسىپ ياتساقمۇ، يۈرەككە بەك چوڭ بېسىم چۈشمەيدۇ. بەلكىم بۇ يىنىك بولغان بېسىم، يۈرەك ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇپ، ئاسان كىسەل بولۇپ قالمايدىغان قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
   ئەمما، مەيلى ئوڭ تەرىپىمىزنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلايلى ياكى سول تەرىپىمىزنى بېسىپ يېتىپ ئۇخلايلى، ھەر ئىككىسىدە تۆۋەندىكىدىكى ئىككى خىل يىتەرسىزلىك بار:
   1. ئۇمۇرتقىنىڭ تەبىئىي فىزىلوگىيلىك ئىگىلىشىنى يوقىتىپ، يان تەرەپكە ئىگىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛
   2. دۈمچە قىسىم مۇسكۇللىرىنى تارتىشىش ھالىتىدە تۇرغۇزىدىغان بولغاچقا، بەدەننى قويۇپ بىرىپ ئارام ئېلىشقا پايدىسىز.
ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلاش
   ئوڭدىسىغا ياتقاندا، ئۇمۇرتقىنىڭ نورمال فىزىلوگىيلىك ئەگمە ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى ھەمدە يان تەرەپكە ئىگىلىپ قېلىشى ۋە باشقا ئۇمۇرتقا كىسەللىكلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇندىن باشقا، يەنە ئاشقازاندىن سۇيۇقلۇق يېنىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۈز قىسىمدا قورۇقچە شەكىللىنىش ۋە ئاياللارنىڭ كۆكسىنىڭ تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
   لىكىن، خورەك تارتىدىغان كىشىلەرگە قارىتا، ئوڭدىسىغا يېتىش ئۇنچە ياخشى ئەمەس؛ ئۇلار ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىسا، ئاسانلا نەپەسلىنىش توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ قالىدۇ.
   بۇندىن باشقا، ئوڭدىسىغا يېتىپ ئۇخلىغاندا، ئادەم ئاسانلا يامان چۈش كۆرۈپ قالىدۇ؛ بەزى كىشىلەر ئۇخلىغاندىن كىيىن، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ئەھۋالدا، ئىككى قولىدا مەيدىسىنى بېسىپ ئۇخلايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ئادەم ئاسانلا قاباھەتلىك چۈش كۆرۈپ قالىدۇ.
دۈم يېتىپ ئۇخلاش
   دۈم يېتىپ ئۇخلاش، ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال فىزىلوگىيلىك ئەگرى سىزىقچىلىرىنىڭ قانۇنىيتىگە خىلاپ كىلىدۇ، يەنە تېخى بويۇن قىسىم ۋە دۈمچە قىسىم ئاغرىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىۋىتىشى مۇمكىن.
   بۇندىن باشقا، دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، يۈز قىسىمغا قورۇقچە چۈشۈش، ئاياللارنىڭ كۆكسىنىڭ تۆۋەنگە ساڭگىلاپ قېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ئامرىكىدىكى بىر تەتقىقات ئورنى بىر تەجىربە ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇلار پىدائىيلارغا رەڭگى سۈزۈك يەل توشقۇزۇلغان ياستۇقتا يېتىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۈز قىسىم بىلەن ياستۇقنىڭ تىگىشىش ئەھۋالىنى خاتىرلىگەن.
   نەتىجىدە بايقىلىشىچە، ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئەگەر ئىككى مەڭزىمى بېسىلىشقا ئۇچرىسا، كۆز قۇيرۇق قىسىم رايونلىرىدىكى تىرىلەردە قورۇقچىلار كۆرىلىدىكەن.
   ئۇزۇن ۋاقىت بۇنداق ئۇخلىغاندا، ئۇيقۇ قورۇقچىلىرى ئاستا-ئاستا شەكىللىنىدۇ...
   بىراق، دۈم يېتىپ ئۇخلاشنى نۇرغۇن ئادەم ياخشى ئەمەس دەپ قارىسىمۇ، ئەمما نەپەسلىنىشى قىيىن، خورەك تارتىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان كىشىلەرگە قارىتا، نەپەس ئېلىشى تېخىمۇ راۋانراق بولىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇخلاش ھالىتىدە مۇتلەق ياخشى ياكى ناچار ھالەت مەۋجۇت ئەمەس؛ ئۆزىمىزگە ماس كىلىدىغان ئۇخلاش ھالىتىدە يېتىپ ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ئاندىن ھارغىنلىق ھىس قىلمايمىز.
   ئۇزۇن كىچىلەردە، بىز ئۇيقۇلۇقتا ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا ھەرخىل ئۇخلاش ھالىتىنى ئالماشتۇرۇپ ياتىمىز. بۇ، بەدەننىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەش ئىنكاسى بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت مۇقىم بىر ھالەتتە يېتىپ، ئورگانىزىملارنىڭ بېسىلىشىنىڭ ۋە مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولىدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە ساغلام بولغان كىشىلەر، پەقەت بەدەن مۇسكۇللىرى ۋە بوغۇملىرى تۇلۇق قويۇپ بىرىلىشىكە ئىرىشەلىسىلا، ئەركىن ھالەتتە ئۆزى خالىغانچە يېتىپ ئۇخلىسا بولىدۇ، مەقسەتلىك ھالدا مەلۇم بىر خىل ئۇخلاش ھالىتىنى قوغلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق.

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号