ئاچا سەي(酸菜)، ئادەتتە ئىشتىھا ئاچىدىغان سۇغۇق سەي، ياكى تەم تەڭشىگۈچى سەي قاتارىدىغا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ ئاچا سەي تەييارلاش ئۇسلۇبى ۋە تەمىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ئىشتىھانى ئاچىدۇ
ئاچا سەي تەركىبىدە زور مىقداردا ئورگانىك كىسلاتالار بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى سۈت كىسلاتاسىدۇر؛ سۈت كىسلاتاسىنىڭ بولسا، غىدىقلاش ئۈنۈمى بىرقەدەر كۈچلۈك، شۇڭا ئاچا سەي ئىستىمال قىلغاندا، ئىشتىھانى ئېچىش ۋە ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۈچەينى سىلىقلاپ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش
ئاچا سەينىڭ ئەسلى خام ماتىريالى كۆكتات، شۇڭا تەركىبىدە تالا ماددىلىرى بىرقەدەر كۆپ؛ بۇ سەۋەپلىك، ئاچا سەينى ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن، ئۈچەينى سىلىقلاپ چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ، قەۋزىيەت بار كىشىلەر توپىنىڭ يىيىشىگە ماس كىلىدۇ.

ئاچا سەينىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى
ئاچا سەي، ئەسلى ماتىريال قىلىنغان كۆكتاتنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ قالىدۇ، شۇڭا تەركىبىدە ۋىيتامىن C، ئامىنو كىسلاتالىرى، تالا ماددىسى قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار بىرقەدەر مول؛ بۇندىن باشقا يەنە، ئاچا سەينىڭ تەييارلاش ۋە ساقلاش ئۇسۇلى ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ تەركىبىدە يەنە زور مىقداردا لاكتىك كىسلاتا باكتىرىيىسى بار بولۇپ، بۇ خىل باكتىرىيەنىڭ ئاشقازان ئۈچەينىڭ نورمال فىزىلوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ساقلاش ئۈنۈمى بار.
ئاچا سەي گەرچە بەدەنگە پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تۇزلانغان يىمەكلىك قاتارىغا كىرىدىغان بولغاچقا، ئۇنى بەك كۆپ ئسىتىمال قىلىۋىتىشكە بولمايدۇ، بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ئەكسىچە بەدەنگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تەييارلاش ئۇسۇلى
تۆۋەندە، كۆپچىلىككە بەسەيدىن ئاچ سەي تەييارلاشنىڭ ئاددى بىر ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1. ئالدى بىلەن، ئاچا سەي ئادەتتە ھاۋا سۇغۇشقا باشلىغان ئاخىرقى كۈز ۋە قىش پەسلىدە تەييارلىنىدۇ؛ چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا ئاچا سەي ئاسانلىقچە بۇزۇلۇپ قالمايدۇ.
2. ئاچا سەي تەييارلاش ئالدىدا، بەسەينى قۇياش نۇرى چۈشىدىغان يەردە 5-3كۈن ئاپتاپقا قاقلاپ، سۇ تەركىبىنى يوقىتىمىز. بۇ قەدەمنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، بەسەينىڭ سارغىيىپ قالغان ۋە ياخشى بولمىغان ياپراقلىرىنى خىللاپ ئېلىۋىتىپ تەييار قىلىمىز.
3. ئىشلىتىدىغان قاچا چوڭراق بولۇشى كېرەك، ئەگەر كونا ئۇسلۇبتىكى ئىدىش بولسا تېخىمۇ ياخشى؛ لىكىن، قاچا چوقۇم پاكىزە بولۇشى، ئىچكى قىسىمدا ماي تەركىبى بولۇپ قالماسلىقى لازىم، بولمىسا ئاچا سەي ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ.
4. ئاچا سەي تۇزلاشتا، پىششىق سەينى تۇزلاش ۋە خام سەينى تۇزلاش ئىككى خىل ئۇسۇل بار؛ پىششىق ھالەتتە تۇزلاش بولسا، بەسەينى ئاۋال سۇدا بىر قاينىتىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن تۇزلايمىز؛ خام ھالەتتە تۇزلاش بولسا، بەسەينى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن بىۋاستە تۇزلايدىغان قاچىغا سېلىپ تۇزلاشنى باشلايمىز. ئادەتتە، پىششىق ھالەتتە تۇزلاش سەل تەسرەك؛ چۈنكى، پىششىق ھالەتتە تۇزلىغاندا، سەللا دىققەت قىلماي قالساق، ئاچا سەي تۇزلاش جەريانىدا بۇزۇلۇپ كىتىدۇ.

5. سەينى قاچىغا سالغاندىن كىيىن، ئۈستىگە تۇز سېپىمىز؛ ئادەتتە ئەللىك سانتىمىتىر ئېگىزلىكتىكى، دىئامىتىرى 25سانتىمىتىر ئەتراپىدا كىلىدىغان قاچىدا تولدۇرۇپ بىر قاچا تۇزلىماقچى بولساق، ئادەتتە بىز ئىشلىتىدىغان تۇزنىڭ بىر خالتىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن يېرىمىغىچە ئىشلەتسەك بولىدۇ. تۇزنى سېپىپ بولغاندىن كىيىن، توشقۇزۇپ سۇ قۇيىمىز ھەمدە قاچىنىڭ ئېغىزىنى سۇلياۋدا ئىتىۋىتمىز. دىققەت، ئېغىزىنى چوقۇم ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ھالەتتە ھىم ئىتىش كېرەك.
6. يۇقارقىلارنى تۈگىتىپ بولغاندىن كىيىن ساقلاشنى باشلايمىز. ئادەتتە، بىر ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئېلىپ ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ. بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر نوقتا شۇكى، تۇزلاشنى باشلىغان ئالدىنقى 25كۈندە، تۇزلىغان كۆكتاتنى ھەرگىز يىيىشكە بولمايدۇ؛ چۈنكى، ئالدىنقى 25كۈندە يەپ سالساق، بەلگىلىك دەرىجىدە يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئىھتىماللىقى بار بولىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، بىر ئاي ۋاقىتنى تۇلۇق توشقۇزۇپ، ئاندىن ئېلىپ ئىستىمال قىلىش كېرەك.