بۇ خىلدىكى كىشىلەر سامساق يىمەسلىكى كېرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6044:قېتىم كورۇلدى
   سامساق، تاماق ئۈستىلىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تەم خۇرۇچ يىمەكلىك ماتىريالىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش، دىزىنفىكسىيەلەش ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش روللىرى بار بولغاچقا، "تەبىئى ئانتىبىئوتىك" دىگەن نامغا ئىرىشكەن. بۇندىن باشقا، سامساقنىڭ يەنە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپ، سامساق تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت بىرىكمە ماددىلىرى، ئادەمنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، راك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
   لېكىن، سامساق گەرچە ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ھەممىلا ئادەمگە ماس كىلىۋەرمەيدۇ؛ مەسىلەن، تۆۋەندىكى بۇ خىلدىكى كىشىلەر، سامساق يىيىشكە ماس كەلمەيدۇ.
 
جىگەر كىسەللىكى بىمارلىرى ۋە قان ئۇيۇلۇش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس كىشىلەر
   سامساقنىڭ گەرچە باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى بار بولسىمۇ، ئەمما جىگەر ياللۇغى كىسەللىك باكتىرىيەسىگە تەسىر قىلمايدۇ، ئەمما ئاشقازان ئۈچەينى غىدىقلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سامساق تەركىبىدىكى تارقىلىشچان ماددىلار، باكتىرىيە ئۆلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاندىكى قىزىل ھۈجەيرىسى ۋە قىزىل قان ئاقسىلىنىمۇ  قوشۇپ ئۆلتۈرۋىتىپ، جىگەر كىسەللىكىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئاستىلىتىۋىتىدۇ.
   بۇندىن باشقا، سامساقنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە، قان ئۇيۇشۇشقا قارشى تۇرۇش رولى بار؛ بۇ ئەھۋال، قېنى قۇيۇق بىمارلارغا نىسبەتەن، قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتەلەيدىغان بىر ياخشى ئىش بولسىمۇ، ئەمما جىگەردە زەخمە بار بىمارلارغا نىسبەتەن، ئۇنچە بەك ياخشى ئىش ھىسابلانمايدۇ. چۈنكى، جىگەر ئىقتىدارى زەخمىلىنىشكە ئۇچرىغاندىن كىيىن، قان ئۇيۇلۇش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ؛ ئەگەر بۇ ۋاقىتتا يەنە سامساق ئىستىمال قىلساق، قاننىڭ ئۇيۇشۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، قان چىقىش ھادىسىسىنى ئېغىرلىتىۋىتىدۇ.
كۆز كىسەللىكى بار كىشىلەر
   جۇڭيى تىبابىتىنىڭ قارىشىچە، ھەمىشە ئارتۇق مىقداردا سامساق ئىستىمال قىلغاندا، جىگەر ۋە كۆزگە يامان تەسىر يەتكۈزىدىكەن. غەرپ تىبابىتىدە بايقىلىشىچىمۇ، كۆز قۇرغاقلىشىش كىسەللىكى، كۆرۈش تور پەردىسى ياللۇغى قاتارلىق كۆز كىسەللىكلىرى بار بىمارلار، ئەگەر داۋاملىق تۈردە كۆپ مىقداردا سامساق ئىستىمال قىلسا، ئۇلاردا كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كىتىش، قولاق غوڭۇلداش، ھەتتا ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى چىكىنىپ كىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرىلىدىكەن.
يۈرەك كىسەللىكى بار كىشىلەر
   سامساقنىڭ تەمى ئاچچىق بولۇپ، يۈرەك كىسەللىكى بىمارلىرى سامساق ئىستىمال قىلغاندا، ئاسانلا بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش تىزلىشىپ، يۈرەكنى غىدىقلاپ قويىدۇ ھەم يۈرەكنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۋىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، يىنىكرەك بولغاندا كۆڭۈل ئېلىشىپ ياندۇرۇش كۆرىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك تەدرىجى سوقۇشتىن توختاپ قېلىش كىلىپ چىقىپ، بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يۈرەك كىسەللىكى بىمارلىرى قاتتىق ھەرىكەتلىنىشكە بولمىغاندىن باشقا، يەنە سامساقنىمۇ ئىمكان بار ئازراق ئىستىمال قىلىشى كېرەك.
ئۈچەي ياللۇغى بار بىمارلار
   سامساقنىڭ غىدىقلاش خارەكتىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئەگەر غەيرى باكتىرىيە تىپىدىكى ئۈچەي ياللۇغى بار بىمارلار بۇنداق غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكنى يىگەندە، ئۈچەينىڭ چاپلاشقاق پەردىسىگە قان تولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۇلۇق ئىششىق ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ ھەمدە كىسەللىك ئەھۋالىنىمۇ يامانلاشتۇرۋىتىدۇ.
ئېغىزى پۇرايدىغان كىشىلەر
   سامساق تەركىبىدە سۇلفىدلىق ماددىلار ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇ ماددىلار بىزنىڭ ئىشتىھايىمىزنى ئاچىدۇ؛ ئەمما ئۇ يەنە، ئېغىز پۇراشنىڭ ئاساسلىق كىلىش مەنبەسى. ئېغىزى پۇرايدىغان كىشىلەر، ئەگەر سامساق يىسە، ئېغىزى پۇراش ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋىتىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号