توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەت زەھەرلىك دورىمۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 14112:قېتىم كورۇلدى
   توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەت، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن چوقۇم بىر خىل زەھەرلىك دورا؛ بىراق، تالاغا قارىغان بىر تەرەپكە نىسبەتەن، ئۇ يەنە بەلكىم بىر خىل يىڭى ساقلاش "دورىسى" بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئادەمنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى، جىسمانىي ھەۋىسىنى، ھىسي ئىستىكىنى قانائەتلەندۈرىدۇ؛ ئۇ، ئادەمگە توي قىلىشنىڭ ئالدىدىكى ياكى يىڭى توي قىلغان ۋاقىتتىكى يىڭىلىق تۇيغۇسىنى قايتا ئېلىپ كىلەلەيدىغان بولۇپ، تالاغا قارىغان ئادەمدە بىر خىل ئۇنتۇلماس خاتىرە پەيدا قىلىدۇ.
   ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى بىر تەرەپ تالاغا قارىسا، چوقۇم يەنە بىر تەرەپكە سۇغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋال، توي تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتىنى ۋە ئائىلىگە بولغان مەسئۇلىيەتنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. تالاغا قاراش گەرچە يۇشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەت بولسىمۇ، ئەمما تالاغا قارىغان تەرەپ باشقا بىر جىنسىي ھەمراھ تېپىۋالغان بولغاچقا، چوقۇم كۆڭلى باشقا تەرەپكە ئېغىپ، ئۆيدىكى جۆرىسى كۆزىگە سىغمايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھەرخىل قۇسۇرلارنى ئىزدەيدۇ.
   ئادەم ئەگەر تالاغا قاراپلا قالسا، ئۇنىڭ جۆرىسىگە بولغان ھىسياتى مەڭگۈ ئىلگىرىكى ھالەتكە قايتالمايدۇ؛ بۇ ھالەت، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ھىسياتقا تەسىر كۆرسىتىپ، ئائىلىگە زىيان ئېلىپ كىلىدۇ.
   توي تۇرمۇشى سىرتىدىكى مۇھەببەت، ئادەمنىڭ ئىچ-باغرىنى ئۆرتەندۈرىدىغان زەھەرلىك دورا؛ لېكىن، يەنىلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ زەھەرلىك دورىنى تېتىپ باقىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ئۆزىنى توختىۋالالماي، بۇ سەۋەپلىك نام-ئابرويىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. يەنە بەزىلەر مۇھەببەت قالمىغان توي تۇرمۇشى ئىچىدە تۇرۇپ، باشقا بىر بۆلەك مۇھەببەت تېپىپ، تۇرمۇشىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى باشلايدۇ. ئىنىقىنى ئېيتقاندا، توي تۇرمۇشى ئىچىدە تالاغا قاراش زادى زەھەرلىك دورىمۇ ياكى يىڭى ساقلاش دورىسىمۇ دىگەن مەسىلىدە، ئاساسلىقى يېنىدىكى ئادەمنىڭ روھى ھالىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە قاراشقا توغرا كىلىدۇ. ئەگەر ئازراق پۇل تېپىپلا، جاپا-مۇشەققەتتە بىرگە بولغان ئايالىنى تاشلىۋىتىمەن دىسە، بۇنداق ئادەمنىڭ ھايۋاندىن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号