ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان ئىشلىرى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5900:ئادەم ئۆگەندى
   ئاشىق-مەشۇقلار جېدەللىشىپ قالسا، چوقۇم ئوغۇل تەرەپنىڭ خاتالىقى بولامدۇ؟
   قانداقمۇ بۇنداق دەپ ئېيتقىلى بولسۇن؟ بىر قولدىن چاۋاك چىقمايدۇ، شۇڭا مەسئۇلىيەتنى پۈتۈنلەي بىر ئادەمگە ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
   بۇ سەۋەبلىك مەلۇم بىر تورداش، "قىز دوستىڭىزنىڭ سىزنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان ئىشلىرى بارمۇ" دېگەن تېمىدا ئوغۇللارنى زىيارەت قىلغان؛ دەسلىپىدە، كۆپ قىسىم زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچىلار "ئۇنداق ئىش يوق، قىز دوستۇم ناھايىتى ئوماق تۇرسا، نېمىلا قىلمىسۇن شۇنداق ئوماق كۆرۈنىدۇ، شۇڭا مېنىڭمۇ ئۇنىڭدىن بىزار بولىدىغان ۋاقىتلىرىم يوق" دەپ جاۋاب بەرگەن.
   لېكىن، زىيارەت قىلغۇچى بۇنىڭغا قانائەت قىلماي، ئۇلاردىن ئەگەر چوقۇم بار بولۇشى كېرەك بولسىچۇ؟" دەپ سوراۋەرگەندىن كىيىن، زىيارەت قىلىنغۇچىلار ئاخىرى ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى باشلاپ، توختىتىۋالغىلى بولماي قالغان.
   تۆۋەندە، بۇ قېتىملىق زىيارەت قىلىش جەريانىدا يەكۈنلەپ چىقىلغان، ئاياللارنىڭ ئەرلەرنى ئەڭ بىزار قىلىدىغان قىلمىشلىرى! سىزدە بارمۇ-يوق؟ كۆرۈپ بېقىڭ!
   1. ئايال كىشىدىن بۇرۇن ئۇخلاشقا بولماسلىق
   2. ئوخشاش داۋلى، ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇشتىمۇ ئايال كىشىدىن كىيىن قالماسلىق.
   3. راستتىنلا شۇنچە كۆپ لەۋ سۇرىخى لازىم بولامدۇ؟
   4. ئايال كىشى تاماق تەييارلىغاندا، چوقۇم بىرىنچى كاپامنى ئېغىزغا سېلىپ بولۇپلا، چوقۇم تاماقنىڭ تېتىملىق بولغانلىقىنى ئىپادىلەش.
   5. ئىشكاپقا پاتماي قالغان كىيىملىرى تۇرۇپمۇ، يەنە كىيىدىغان كىيىمىم قالماپتۇ دېيىش.
   6. چېچىنى يۇماسلىق
   7. ئۆيدىكى ئەرمەك ھايۋانلار چوقۇم ئۇنىڭغا بەكرەك ئامراق بولۇش.
   8. ئۆي ئىچىنىڭ ھەممى يېرىگە چاچ تېرىۋىتىش
   9. ئۆزى يېيىشنى خالىمىغان بارلىق يېمەكلىكلەرنى ئېرىنىڭ يەپ تۈگىتىۋىتىشىنى تەلەپ قىلىش.
   10. ئېرىنىڭ ئىلگىرىكى قىز دوستىغا، ئۇنىڭدىن بەك كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ھەمىشە ئۆزىنى ئۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرۇش.
   11. ئۈندىداردا پاراڭلاشقان ۋاقىتتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزنى چوقۇم ئەر تەرەپنىڭ ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلىش.
   12. تەسەۋۋۇرغا باي بولۇش، يېڭىدىن بىرەر چىراي ئىپادىسى بوغچىسى ئىشلەتسە، قاش-كۆز ئوينىتىدىغان يېڭى ئوبيېكت تېپىۋاپتۇ دەپ گۇمانلىنىش
   13. ھەر دائىم ھولمىسقا ئۆزگىرىپ، ئەركىشى قىلغان ھەربىر ئىشتىن گۇمانلىنىش
   14. بارلىق تالاش-تارتىش ۋە زىددىيەت توقۇنۇشلارنىڭ سەۋەبىنى، "سىز مېنى ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز" دېگەن بىر سەۋەبكە يىغىنچاقلاش
   15. ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق يىغلاپ، پىكىرلىشىشنى داۋاملاشتۇرغىلى قويماسلىق.
   16. "سىز مۇشۇنىمۇ قىلالمامسىز" دېيىش.
   17. "قاراڭ، خەقنىڭ ئېرىگە..." دېيىش.
   18. باشقا ئەرلەرنى قاملاشقان دەپ ماختاش
   19. بەرگەن سوۋغاتنى ھەمىشە ياراتماسلىق
   20. ئاچچىقلىنىپ قېلىپ تۇرۇپمۇ "مەن ئاچچىقلانمىدىم" دېيىش
   21. "ئۆزىڭىز دەپ بېقىڭە، نېمە ئىشنى خاتا قىلدىڭىز؟" دېيىش.
مۇھەببەت، قەلبلەرنى تىتىرەتكەن ئاشۇ پەيتلا ئەمەس، ئۇ يەنە ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ساقلىشىغا موھتاج.
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىنچىكە نۇقتىلار مۇھەببەتنى مەغلۇپ قىلىدۇ دەيدۇ، لېكىن مۇھەببەتنى مەغلۇپ قىلغان ئۇ كىچىك ئىشلار، ئەسلىدە ساقلىنىپ قېلىشقا بولىدىغان ئىشلار؛ ئەگەر باشلىنىشتىلا ئۇ نۇقتىلارغا دىققەت قىلساق، ئىككىيلەن ئوتتۇرسىدىكى جېدەل-ماجىرا، %90 ئازلايدۇ.

قورۇما قورىغاندا تۇزنى قايسى ۋاقىتتا قوشۇش كىرەك

يىمەكلىك تۇزى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر تۇز قوشۇلمىسا، ھەرقانچە يىيىشلىك يىمەكلىكمۇ تەمسىز ت

چەتئەللىك ئايال ئوڭۇشلۇق ھالدا بەشكىزەك قىز تۇغدى

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئامىرىكا خىيوستوندىكى بىر دوختۇرخانىدا، بىر ھامىلدار ئايال بەشكىزەك قىز تۇغقان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى 50يىلدىن بىر

بىر ئايالنىڭ يازغان يىللىق "خىزمەت" خۇلاسىسى

يىللار ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ. ئاياللارغا تەۋە بولغان ۋاقىت تېخىمۇ رەھىمسىزرەك بولۇپ، بولۇپمۇ 30ياشتىن ئاشقان ئاياللار بىر تەرەپتىن خىزم

كۈنلىرىڭىز قانچە تەسلەشكەنسىرى، بۇ تۆت ئىشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇڭ

قىيىنچىلىققا تولغان كۈنلەر، قوش بىسلىق پىچاققا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈمىدۋار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ بىر خىل ھەرىكەتلەند

قان بېسىمنى كونتىرول قىلىشتىكى خاتا قاراشلار

بۇنداق ئەھۋالدا، قان تۇمۇرلىرىدا كۆپۈپ قېلىش ۋە ئاجىز نوقتىلار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇ جايلاردا ھەر ۋاقىت يېرىلىش ۋە توسۇلۇ

"كۆڭلى" نامرات ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىسىز

ئاياللار ئۆزىگە لايىق تاللىغاندا، كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ئويلىشىدىغىنى، ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى بار يوقلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەركىشىنىڭ كە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号