كۆپ ئوسۇرىدىغان ئادەملەردە بۇ مەسىلىلەر كۆرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
   ئوسۇرۇش، گەرچە خىجىل بولغۇدەك بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى نورمال بىر ئىش. ھەممە ئادەم ئوسۇرىدۇ، نورمال ئادەم ھەركۈنى 10-6قېتىم ئوسۇرىدۇ؛ نورمال ھالەتتىكى بۇ ئوسۇرۇقلارنىڭ ئاۋازى بەك ئۈنلۈك بولمايدۇ، پۇرىقىمۇ بەك سېسىق بولمايدۇ. بىراق، بەزى كىشىلەر ئەتىگەندىن كەچكىچە توختىماي ئوسۇرىدۇ، پۇرىقىمۇ ناھايىتى سېسىق بولىدۇ؛ ئۇنداقتا بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟ ئەمىلىيەتتە، كۆپىنچە تۆۋەندىكى نەچچە خىل سەۋەپتىن بولىدۇ.
يەللىك يىمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋىلىش
   تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان يەل پەيدا قىلىدىغان يىمەكلىكلەردىن، تاتلىق ياڭيۇ، پىياز، پۇرچاق تۈرى ۋە بەزىبىر مايلىق يىمەكلىكلەر بار؛ بۇ يىمەكلىكلەر ئۈچەي يوللىرىدا پارچىلىنىپ ھەم ئېچىپ، نۇرغۇنلىغان كېرەكسىز گازلارنى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك توختىماي ئوسۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، پۇرىقىمۇ ناھايىتى سېسىق بولىدۇ.
قەۋزىيەت
   ئۇزۇن مەزگىل قەۋزىيەت بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئۈچەي يولىدا، نۇرغۇنلىغان زەھەرلىك ماددىلار ۋە ئەخلەتلەر يېغىلىپ قالىدىغان بولۇپ، ئەگەر ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلمىسە، ئادەم بەدىنى تەرپىدىن قايتا-قايتا سۈمۈرۈلۈپ ۋە ئىشلىتىلىپ، بەدەنگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئەخلەتلەر ۋە زەھەرلىك ماددىلار، ئۈچەي يولىدا قايتىدىن رىئاكسىيەلىشىپ، نۇرغۇنلىغان گازلارنى ھاسىل قىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا قويۇپ بەرگەن ئوسۇرۇقمۇ ناھايىتى سېسىق بولىدۇ.
تاماق يىگەندە بەك كۆپ ھاۋا سۈمۈرۋىلىش
   بەزى كىشىلەر تاماق يىگەندە دىققەت قىلماي، تاماق يەۋىتىپ توختىماي سۆزلەيدۇ ياكى تاماقنى بەك تىز يەيدۇ؛ بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى ھاۋانى كۆپ سۈمۈرۋىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۈچەي يولىدىكى گازلارنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ گازلار ئەلۋەتتە ئوسۇرۇق شەكلىدە بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ.
كىلىماكتىرىيە دەۋرى
   كىلىماكتىرىيە دەۋرىگە كىرگەندىن كىيىن، بەدەندىكى ھورمۇن سەۋيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، بەدىنىمىز زور مىقداردا ئىنىرگىيە سەرپ قىلىپ تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنى تەڭشەشكە ئارتۇق ئىنىرگىيە قالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، توختىماي ئوسۇرىدىغان ئەھۋالنى پەيدا قىلىدۇ.
ھەزىم قىلىش ناچار
   ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغان، ھەزىم قىلىشى ئاسانلا ناچارلىشىپ كىتىدىغان كىشىلەر، ھەمىشە ھېق تۇتۇپ قالىدۇ ۋە كۆپ ئوسۇرىدۇ؛ چۈنكى، بەدەندىكى ھەزىم قىلىشقا مەسئۇل سۇيۇقلۇقنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازلاپ كەتكەن بولغاچقا، ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلەر ۋاقتىدا ھەزىم قىلىپ پارچىلىنالمايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك يىمەكلىك بەدەندە ئۇزۇن ۋاقىت توختاپ قېلىپ ۋە ئېچىپ، ئۈچەي يوللىرىدا نۇرغۇنلىغان گازلار پەيدا بولىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号