بۇ يېمەكلىكلەر راستتىنلا رىۋايەتلەردە ئېيتىلغاندەك ئۈنۈمگە ئىگىمۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5827:قېتىم كورۇلدى
   خەلق ئاممىسىنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى نۇرغۇن يېمەكلىكلەر، كىشىلەر تەرىپىدىن ناھايىتى سېھىرلىك ئۈنۈملەرگە ئىگە دەپ باھا بېرىلگەن:
   "ئالقاتنى كۆپرەك يەڭ، كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ"، "ياڭاقنى كۆپرەك يەڭ، مېڭىگە پايدىلىق"، چار خەمەكنى كۆپ ئىستېمال قىلساق، قاننىڭ قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ"، "پىيازنى كۆپرەك يەپ بىرىڭ، قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرىدۇ"...
   ئۇنداقتا، تۇرمۇشىمىزدا ئېيتىلىدىغان ئاشۇ يېمەكلىكلەر، راستتىنلا كىشىلەر ئېيتقاندەك سېھىرلىك ئۈنۈملەرگە ئىگىمۇ؟
كۇلى بىھىسى ئاياللارنىڭ كۆكسىنى يوغىناتمايدۇ
   كۇلى بىھىسى ئاياللارنىڭ كۆكسىنى يوغىنىتىدۇ دېگەن قاراش، قەدىمكى خاتىرىلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئەنئەنىۋى تېبابەت دەستۇرلىرىدىكى "شەكىل ئارقىلىق شەكىلنى تۇلۇقلاش" نەزەرىيەسىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن؛ چۈنكى، كۇلى بىھىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئايال كىشى خىيالىدا ئارزۇ قىلىدىغان كۆكسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئوخشايدۇ، ئەمما بۇنىڭ قىلچىلىك ئىلىمى ئاساسى يوق. ئىلگىرى، كۇلى بىھىسى تەركىبىدىكى كۇلى بىھىسى ماددىسى بىلەن ۋىيتامىنA بىرلىشىپ، ئايال كىشىنىڭ كۆكسىنى يوغىنىتىدۇ دېگەن قاراش پەيدا بولغان؛ بىراق، كۇلى بىھىسى ماددىسى، ئاشقازان ئاقسىل ئىنىزىملىرى تەرىپىدىن پارچىلىنىۋىتىدۇ، ۋىيتامىنAنىڭمۇ ئاياللىق ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىشىنى غىدىقلاش ئۈنۈمى يوق.
بانان چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرمايدۇ
   ئادەم بەدىنىدە تاننىك كىسلاتا دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بار بولۇپ، بۇ خىل ماددىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان يېغىش رولى بار؛ ئۇ ئۈچەي يولىدىكى چوڭ تەرەتنى يېغىپ قاتتىق ھەم قۇرغاق ھالەتتىكى چوڭ تەرەتكە ئايلاندۇرىدۇ، بۇ سەۋەبلىك ئادەمدە قەۋزىيەت كۆرىلىدۇ. لېكىن بانان تەركىبىدە تاننىك كىسلاتاسى بار، بولۇپمۇ توڭ بانان تەركىبىدە بۇ خىل ماددا تېخىمۇ مول. پىشقان بانانمۇ، قەۋزىيەتنى ياخشىلاشتىكى ئەڭ ياخشى تاللاش ئەمەس.
كۈدە باھنى قۇۋۋەتلىمەيدۇ
   كۈدە تەركىبىدە سىنك ماددىسى بار، بۇ نۆۋەتتىكى "كۈدە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ" دېگەن نەزەرىيەنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى. بىراق "جۇڭگو يېمەكلىكلەر تەركىبى جەدۋىلى"دە كۆرسىتىلىشىچە، كۈدىنىڭ سىنك تەركىبى خېلىلا تۆۋەن بولۇپ، ھەر 100گىرام كۈدە تەركىبىدە ئارانلا 0.25مىللىگىرام سىنك ماددىسى بار، بۇ خىل سەۋىيە ئادەتتىكى باشقا كۆكتاتلارغا يەتمەيدۇ.
پالەك تۆمۈر تولۇقلىمايدۇ
   پالەك تۆمۈر تۇلۇقلايدۇ دېگەن قاراش، ئەڭ دەسلەپ، "كۈچتۈڭگۈر ماتروس" دېگەن كارتون فىلىمدىن كەلگەن. 1870-يىلى، دوكتور ۋولف پالەكنىڭ تۆمۈر تەركىبىنى خاتا ھېسابلاپ قويۇپ، ئەمەلىي مىقداردىن ئون ھەسسە كۆپەيتىۋەتكەن. بۇ خاتالىق 1981-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن "يېڭى ئەنگلىيە" ژۇرنىلىدا ھۆكۈمەت تەرەپتىن تۈزىتىلگەن. ئەمەلىيەتتە، پالەكنىڭ تۆمۈر تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن، قان تۇلۇقلاش ئۈنۈمىمۇ يوق.
چىلان قان تولۇقلىمايدۇ
   چىلاننىڭ رەڭگى ۋە تەركىبىدە تۆمۈر تەركىبى يۇقىرى بولۇش سەۋەبلىك، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى قان تولۇقلاشتىكى ياخشى يېمەكلىك دەپ قارايدۇ. بىراق، چىلان تەركىبىدىكى تۆمۈر ماددىسى، باشقا ئۆسۈملۈك مەنبەلىك تۆمۈر ماددىلىرىغا ئوخشاش بولۇپ، "غەيرى قىزىل قان دانچىلىرى تۆمۈر ماددىسى"غا تەۋە. بۇ خىل تۆمۈر ماددىسىنىڭ مىقدارى گەرچە يېتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولغاچقا، چىلاننىڭمۇ قان تۇلۇقلاش ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى ئەمەس.
   يۇقىرىقىلاردىن باشقا، چارخەمەكنىڭ گەرچە قەنت مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ، ئەمما چارخەمەك ئىستېمال قىلىش قاننىڭ قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ. ئالقاتنىڭ تەركىبىدىمۇ ۋىيتامىن A كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ناگاندا بىر چايغا چىلاپ ئىچىپ قويساق، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.
   باشقا بىر نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەگەر يېمەكلىكلەرنىڭ راستتىنلا شۇنداق سېھىرلىك ئۈنۈملىرى بار بولسا، ئۇنداقتا بىز يېمەكلىكنىڭ ئۈنۈملۈك تەركىبىنى چەككىلەپ ئېلىپ دورا قىلىپ ئىستېمال قىلساقلا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسلىق رولى، يەنىلا بىزنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمىز ئۈچۈن ئېنېرگىيە، ئاقسىل ۋىيتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تەمىنلەپ بىرىشتۇر.
 

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号