قېرىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن 25يىل گۆش يىمىگەن ئەر-خوتۇنلار
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 12635:قېتىم كورۇلدى
   ھەر قېتىم تاماشا چەمبىرىكىدىكى ئۈلگىلىك ئەر-خوتۇنلارنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، نۇرغۇن تورداشلار، نۆۋەتتە بىرقەدەر داڭ چىقارغان سەنئەتكار ئەر-خوتۇنلارنى ئىسىگە ئالىدۇ. بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن، ئىزچىل تۈردە ناھايىتى ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ كىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارغا دىققەت قىلىپ كەلگەن تورداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا قەۋەت ھەۋەسلىنىدۇ؛ بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇنلار، دەل لۈ سۇڭشىيەن بىلەن ئايالى مەي جىڭتىڭ. بۇئىككەيلەن ئادەتتە تۆۋەن ماقامدا ئىش كۆرىدۇ، تاماشا چەمبىرىكىدە جىمىپ كەتكىلىمۇ ئۇزۇن بولغان.
   ئەمىلىيەتتە، لۈ سۇڭشىيەن، كىنو-فىلىم سەنئەت ساھەسىدىكى پىشقەدەم ئۇستاز ھىسابلىنىدۇ؛ ئىشىنىمەنكى، كۆپ قىسىم تاماشىبىنلار ئۇنى تۇنۇيدۇ. چۈنكى، ئىلگىرى، ئۇنىڭ كىنو-فىلىم ساھەسىدىكى خېلىلا نامى چىققان بولۇپ، پەقەت ھازىر يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بىرى كىنو-فىلىملەرگە رول ئالمىغان.
   تۇرمۇش جەھەتتە، ئىلگىرى، لۈ سۇڭشىيەننىڭ نەچچە قېتىملىق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان مۇھەببەت تارىخى بار بولغان؛ بىراق، ھازىر توي قىلىپ بىرگە ئۆتىۋاتقىنىغا 25يىل بولغان ئەر-خوتۇنلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللىبۇرۇنلا تارىخقا ئايلانغان. بۇ ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن بىر-بىرىنى روھى جەھەتتىكى يۆلەنچۈكى ھىسابلايدىغان بولۇپ، ئىككەيلەن ياش ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن.
   كۆپچىلىك بەلكىم بىر ئادەمنىڭ يىگىرمە نەچچە يىل گۆش يىمەي ئۆتەلىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن، بىراق بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇنلار بۇنى ئىشقا ئاشۇرالىغان؛ ئۇلار 25يىلدىن بىرى قەتئى گۆش يەپ باقمىغان ھەمدە پەرزەنتلىكمۇ بولمىغان، ئىزچىل تۈردە ئىككى كىشىلىك دۇنيادىن ھۇزۇرلىنىپ  كەلگەن. گەرچە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى توغرا چۈشىنەلمىسىمۇ، ئەمما شۇنى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، ئىككەيلەننىڭ ئۇسۇلى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۈنۈم كۆرسەتكەن.
   بۇ يىل 57ياشقا كىرگەن مەي جىڭتىڭنىڭ يۈزىدە ئاساسەن قورۇقچە يوق، بەدەن شەكلىدىمۇ قېرىلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، قارىماققا ئىنتايىن مۇكەممەل كۆرىنىدۇ؛ لۈ سۇڭشىيەنمۇ قارىماققا ئىنتايىن ياش كۆرىنىدۇ، يەنىلا ئىلگىرىكى كۆپچىلىككە تۇنۇشلۇق بولغان قاملاشقان يىگىتچاق ھالىتىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.
   ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىغا سىز قانداق قارايسىز؟

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号