قانداق قىلغاندا ئۆمۈرلۈك ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇپ ئۆتكىلى بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 15103:قېتىم كورۇلدى
   ئىككەيلەننىڭ ئەر-خوتۇن بولۇش بولماسلىقى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى، ئىككەيلەن ئىزچىل تۈردە ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇپ ئۆتۈش. ئەپسۇس، بىز ھەمىشە ئەر-خوتۇن دىگەن ئۇقۇمغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاشىق-مەشۇق بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىمىز.
   ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇشنىڭ تۈپ ئاساسى، ئادەتتىن تاشقىرى بولغان قەدىرلەش ۋە كەڭ قوساق بولۇش. ئەر-خوتۇن بولۇپ ئۆتۈشنىڭ تەس يىرى بولسا، ئادەتتىن تاشقىرى بولغان ئۆز مەيلىچە ئىش كۆرۈش ۋە تەلەپ ئىنچىكە بولۇش. ھازىر بۇ تىمىدا سۆزلىشىمىز، بەخىتنى قوغلىشىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن سۆزلەنگەن بولىدۇ.
    ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشنىڭ ماھيىتى، بىر-بىرىگە ھېچنىمىدىن قورقماستىن تىكىلىپ قارالايدىغان بولۇش؛ يەنى، بىر تەرەپ زوقلىنىش تۇيغۇسىدا بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ بۇ زوقلىنىشقا پۈتۈنلەي ئىشىنىشى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشىدۇر.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر بىر ئۆمۈرلۈك ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇپ ئۆتىمەن دىسەك، ئۇنداقتا ئىككەيلەن بىرگە ئۆتكەن ۋاقىتتا، ئارىدىكى بىرەيلەن چوقۇم، ھەرۋاقىت ئەخمىقانە ئىش قىلىدىغان، ئەقلى ھۇشى تازا جايىدا بولمىغان گالۋاڭ قىياپىتىگە كىرىۋىلىشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك. ئايرىلغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ ئىقتىدارلىق چەبدەس بولسا بولىدۇ، ئەمما بىرگە بولغاندا، چوقۇم بىرسى يەنە بىرسىگە بويسۇنۇشى لازىم. بويسۇنۇشنىڭ مەنىسى، خۇددى ئەينى يىلى مەن ئايالىمغا "ھازىردىن باشلاپ، سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى توغرا، توغرىسىمۇ توغرا، خاتاسىمۇ توغرا" دەپ ئېيتقانغا ئوخشاش، ئارىدىن بىرەيلەن بويسۇنۇشنى تاللىسا، ئۇنداقتا ئاشىق-مەشۇقلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
   ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ گالۋاڭ بولىۋىلىشنى خالىماي، ناھايىتى زىرەك تۇرىمەن، ھەممە ئىشنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرمىسام بولمايدۇ دەپ تۇرۋالسا، ئۇنداقتا بۇ ئىككەيلەن ئايرىلىپ كىتىشكە تەييارلىق كۆرسە بولىدۇ، بولمىسا چوقۇم بىر-بىرىگە چوڭقۇر ئازاپلارنى ئېلىپ كىلىدۇ.
   بىر ئايال كىشىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ تەرىپى، پەقەت مەن قارار چىقارساملا، ئۇ بۇنى قوللىمىغان ياكى قوبۇل قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئالدى بىلەن ماڭا ماسلىشىدۇ ۋە مىنى قوللايدۇ، مىنى تەڭقىسلىققا ۋە ئوسال ئەھۋالغا قويمايدۇ؛ بۇ، ماڭا باشتىن ئاخىرى بىر خىل بەخىت تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.
   "قارشى تەرەپنى بويسۇندۇرىمەن دىمەڭ"! بۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. بويسۇندۇرۇش، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا ھەمىشە كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ: كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تالاش-تارتىش قىلىش، كىمنىڭ خاتالىقى ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلىش، كىم كىمنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىش، كىم بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى، قەتئى ساقلىنىشقا تىگىشلىك ئىشلاردۇر.
   بىز ئىھتىياجلىق بولىدىغان پىرىنسىپ، قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىمەن دىمەسلىك، قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى، يالغان گەپلىرىنى، ساددىلىقىنى، يىنىكلىك قىلىشلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىمەن دىمەسلىك لازىم. ئەگەر سىز قارشى تەرەپنى تەنقىدلەشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ھەمدە بۇنى قارشى تەرەپكە ياخشى بولسۇن دىدىم دەپ ئاتىۋالسىڭىز، ئۇنداقتا سىلەر ئاشىق-مەشۇق بولىمىز دەپ ئاۋارە بولمىساڭلارمۇ بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئايرىلىپ كىتىشكە تەييارلىق كۆرگەن ياخشى.
   ياخشى ئاشىق-مەشۇقلار، بىر-بىرىگە قارىتا مەڭگۈ گالۋاڭ ھەم گاس-گاچا بولىۋالىدۇ. مۇھەببەت، كەمچىلىكىنى يېپىپ قوغداش ئۈچۈن بولىدۇ؛ كەمچىلىك ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى يېپىپ قوغداپ قالالىسا، بۇ ھەقىقى مۇھەببەت بولىدۇ.
   مەن ئايالىمغا "خاتىرجەم ھالدا خاتالىق سادىر قىلىۋىرىڭ، سىز سادىر قىلغان خاتالىقنىڭ ھەممىسىنى مەن ئۆزۈم ئۈستۈمگە ئالىمەن" دەپ ئېيتىمەن.
   مەن ئايالىمغا "سىز ھېچقانداق ئۆزگىرىش قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى سىز ھازىر ئىنتايىن ياخشى؛ ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان، قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلارنى باشقىلارغا قويۇپ قويۇڭ" دەپ ئېيتىمەن.
   مۇھەببەتتە، قارشى تەرەپنى تەڭقىسلىققا قويماڭ، قارشى تەرەپتىن قۇسۇر ئىزدىمەڭ، قارشى تەرەپنى ئەيىبلىمەڭ؛ ھېچنىمىنى سىزەلمىگەن گالۋاڭ پېتى، ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولۇڭ. سىزنىڭ گالۋاڭ بولىۋىلىشىڭىز، چۈنكى سىز قارشى تەرەپنى ئۆزىڭىزگە ئۆمۈرلۈك ھەمرا قىلىپ بىكىتىپ بولغان ئىكەنسىز، يەنە ئۇنى چۈشىنىشكە، بىلىشكە، ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك باشقا ئىش قالمىغان بولىدۇ. ئالغا ئىلگىرلەش بولسا قوبۇل قىلسىڭىز، بولمىسىمۇ قوبۇل قىلسىڭىز، بۇ دەل مۇھەببەت بولىدۇ.
   جۆرىڭىزگە مەڭگۈ قاتتىق گەپ قىلماڭ، كەيپىياتنى بۇزىدىغان ۋە كۆڭۈلنى بىئارام قىلىدىغان ئىشنى مەڭگۈ قىلماڭ، بۇلار پىرىنسىپ؛ ئەگەر بۇ ئاساسلىق پىرىنسىپلار بولمىسا، مۇھەببەت خۇددى چۈشكە ئوخشاپ قالىدۇ.
   جۆرىڭىزنىڭ سىزگە قىلغان ھەربىر قېتىملىق ياخشى مۇئامىلىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلماڭ. ياخشى تەرەپنى چوقۇم مۇبالىغىلەشتۈرۈپ يوغىنىتىڭ، سۆزلەپ چىقىرىڭ، زىرىكىپ قالماي ئىپادىلەڭ. ھەرقانداق خاتالىق، ئۇقۇشماسلىق دىگەنلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىڭ، ئۇنتۇپ كىتىڭ، ئۇلارنىڭ كۆپ كارارىيىتى يوق؛ ئەگەر بۇلارنى ناھايىتى مۇھىم دەپ بىلسىڭىز، ئۇنداقتا مۇھەببىتىڭلارنىڭ كارارىيىتى چاغلىق بولۇپ قالىدۇ.
   جۆرىڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى، مەڭگۈ توغرا؛ توغرىسىمۇ توغرا، خاتاسىمۇ توغرا. توغرىسىنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ، خاتاسىنىڭ ھەممىسى مىنىڭ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号