ئۇرۇقلاشتا، قايسى يىمەكلىكلەر قوساقنى تويغۇزىدۇ ھەم سەمىرتمەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5864:قېتىم كورۇلدى

   ئۇرۇقلاش مەزگىلىدە، قاتتىق پوستلۇق يىمەكلىكلەر يامان ئەمەس تاللاش بولۇپ، بۇ تۈردىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن مول، بولۇپمۇ يىمەكلىك تالا ماددىلىرى. قاتتىق پوستلۇق يىمەكلىكلەر، ئىككى ۋاخ تاماقنىڭ ئارىسىدا، ئۇششاق يىمەكلىك ئورنىدا ئازراقتىن ئىستىمال قىلىشقا ماس كىلىدۇ؛ بۇ تۈردىكى يىمەكلىكلەرنى ئىرىنمەي چايناپ ئاستا يۇتساق، تويۇنۇش تۇيغۇسى ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قاتتىق پوستلۇق يىمەكلىكلەر تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى مول بولۇپ، تەمى ئىنتايىن تەملىك كىلىدۇ. قاتتىق پوستلۇق يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى تويۇنمىغان كىسلاتالارنىڭ، بەلگىلىك دەرىجىدە يۈرەك قان مىڭە قان تۇمۇر كىسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بار، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تويۇنغان كىسلاتالارغا ئوخشاش ئۇنداق ئاسانلا ياغقا ئايلىنىپ كەتمەيدۇ.
   ئادەم بەدىنىنىڭ يىمەكلىك تالا ماددىسىنى ھەزىم قىلىش، سۈمۈرۈش ۋە ئىشلىتىش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولغاچقا، يىمەكلىك تالا ماددىلىرىنىڭ ئاشقازاندا توختاپ قالىدىغان ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ، شۇڭا تويۇنۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك كىلىدۇ. گەرچە بىر قىسىم كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋە، يىرىك ئاشلىق تەركىبىدىمۇ تالا ماددىسى بىرقەدەر مول بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يەنە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى تەركىبىمۇ يۇقىرى بولغاچقا، كۆپ ئىستىمال قىلغاندا، ئادەم يەنىلا ئاسان سەمىرىپ قالىدۇ.  ئادەتتە، سۆسۈن ياڭيۇ(紫薯)، ئۇرۇقلاش مەزگىلىدىكى يامان ئەمەس بولغان ئاساسلىق يىمەكلىكتۇر؛ بىراق ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، سۆسۈن ياڭيۇ تاتلىق ياڭيۇ ئەمەس، سۆسۈن ياڭيۇنىڭ قەنت مىقدارى ۋە ئىنىرگىيە مىقدارى تېخىمۇ تۆۋەن، ئۇزۇقلۇق قىممىتى تاتلىق ياڭيۇغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى.
   كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، پىرەنىك، تاتلىق تۈرۈم، تاتلىق ئىچىملىك، مايلىق گۆش ۋە مايدا داغلانغان يىمەكلىكلەرنى يىمىسەك ھېچۋەقەسى يوق، ئەمما موما، چۆپ، مىفەن قاتارلىق ئاساسلىق يىمەكلىكلەرنى يەنىلا ئازراق بولسىمۇ يىمەي بولمايدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمىز، بۇ ئاساسلىق يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلىشىگە مۇھتاج بولىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号