ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋىلىش ئۈچۈن بۇنداق ماختاش كېرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5813:قېتىم كورۇلدى
سىز رەسىمدىكىگە قارىغاندا كۆپ چىرايلىق ئىكەنسىز
   ئەگەر سىزنىڭ بىر ئايال كىشىگە بولغان ئەڭ دەسلەپكى چۈشىنىشىڭىز ئىجتىمائى ئالاقە تورىدىن باشلانغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىڭىزدا، چوقۇم ئۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى ناھايىتى بەك ياقتۇرغان ھالەتنى ئىپادىلىشىڭىز كېرەك. دوستلار چەمبىرىكى، ئاياللار ئەستايىدىللىق بىلەن كۆڭۈل قويىدىغان جاي، ئۇلار ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن، بىر پارچە سۈرەتنى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت تۈزەشتۈرۈپ ياسايدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى تەرىپىنى نامايەن قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
   بۇنداق ۋاقىتتا، سىز ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ماختىسىڭىز ھەمدە ئۇنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن تۈزەشتۈرۈپ ياسىغان سۈرەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇ چوقۇم قەۋەت خوشال بولۇپ كىتىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنى يەككە ھالدا ماختاش ئۈچۈنلا ماختىسىڭىز، سىز پەقەت سىرتقى قىيپاتىگىلا ئەھمىيەت بىرىدىغان ئادەمدەك كۆرۈنۈپ قالىسىز، باشقا ئايال كىشى بىلەن سېلىشتۇرسىڭىز ئۇ خاپا بولۇپ قالىدۇ؛ شۇڭلاشقا، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش، ئەڭ ياخشى ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.
سىزنى كۆرگەندىن باشلاپ، مەن بارلىغىمنى سىزگە بېغىشلاشنى قارار قىلدىم
   ئارىلىشىش جەريانىدا، قارشى تەرەپكە ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشەنچ بىرىش كېرەك. ئەمىلىيەتتە، ئايال كىشىنىڭ ئەڭ ئىتىبار بىلەن قارايدىغىنى، ئۇنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ئىگىلەيدىغان ئورنىدۇر؛ شۇڭلاشقا، ئەركىشى، ئايال كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدە ناھايىتى مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدىغانلىقىنى، ئايال كىشىگە چوقۇم بىلدۈرۈشى كېرەك.
   ئايال كىشىگە، ئۇنىڭ ناھايىتى ئالاھىدە ۋە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇش، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋىلىشتىكى مۇھىم ھالقا. ئاياللار ئەزەلدىن ساداقەتمەن ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئەگەر سىز ئۇنىڭ سىزگە نىسبەتەن ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل چىرايلىق كۆرىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىڭىز، ئۇ چوقۇم ناھايىتى بەك خۇشال بولۇپ كىتىدۇ. بۇنداق خۇشاللىق تۇيغۇسى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بىخلىنىپ، مۇھەببەت نوتىلىرىغا ئايلىنىدۇ.
نىمىشقىكىن بىلمىدىم، كۆزلىرىمنى سىزدىن ئۈزەلمەيۋاتىمەن
   بىر ئايالنىڭ مەپتۇن قىلارلىقىنى ماختاشنىڭ ئۇسۇلى، ئۇنىڭغا، ئۇنىڭ سىزگە بولغان جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بولۇپ، بۇ ئايال كىشىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنى قانائەتلەندۈرەلەيدۇ. ئەمىلىيەتتە، مەيلى ئەركىشى بولسۇن ياكى ئايال كىشى بولسۇن، ھەممىسىلا باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىشىنى ۋە قوغلىشىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز پەقەت جۈرئەتلىك بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەپ چىقارسىڭىز، ئايال كىشىدە قانائەت تۇيغۇسى شەكىللىنىپ، ئۇنىڭدا سىزگە قارىتا ياخشى تەسىر تۇغۇلىدۇ.
   ئەر كىشى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز گەپ قىلىش سەنئىتىنى ۋە ئايال كىشىنىڭ قانداق گەپلەرنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىۋىلىشىڭىز كېرەك؛ ئايال كىشىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان گەپلەرنى ۋە ئىشلارنى قىلالىسىڭىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالالايسىز.
   مەن ئويلايمەنكى، ئەر كىشى ئايال كىشىنى قوغلاشقان ۋاقىتتا، ئايال كىشىنى ماختاش كىرەكلىكىنى بىلىدۇ؛ ئەمما قانداق ماختاش كېرەك ئىكەنلىكى، بىر قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ ئىش سىزنىمۇ غەمگە سېلىپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي، ئۈستىدە بىز تۇنۇشتۇرغان ئۇسۇل بويىچە، كۆڭلىڭىزدىكى مەھبۇبىڭىزنى ماختاڭ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号