ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرۇپلا بۇ تۆت ئىشنى قىلغان كىشى ساغلام بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5824:قېتىم كورۇلدى
   بىر كۈنلۈك ئىش سەھەردىن باشلىنىدۇ. سەھەر ۋاقتى، ئادەمنىڭ زىھنى ئەڭ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇ ھەم بىركۈن ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان كۈتۈنۈش ۋاقىت مەزگىلىدۇر. ئەگەر ئەتىگىنى ئورنىڭىزدىن تۇرغاندىن كىيىن، بۇ ئىشلارنى قىلىپ ئادەتلەنسىڭىز، ساغلام بولىسىز ھەم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىز.
بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىش
   نۇرغۇن كىشىلەر ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن سۇ ئىچمەيدۇ، بۇ ياخشى بولمىغان بىر خىل ئادەت. ئادەم بەدىنىدە بىر كىچە ئىنىرگىيە خورىغاندىن كىيىن، بىر خىل سۇ كەمچىل بولۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ؛ ئەگەر بۇنداق ئەھۋالدا ۋاقىتىدا سۇ تەركىبىنى تۇلۇقلىمىغاندا، تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كىتىش خەۋىپى ئېشىپ كىتىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسەك، سۇ تەركىبى تۇلۇقلىغاندىن سىرت، يەنە بەدەندىكى زەھەرلىك ماددىلارنى ھەيدەش، قاننىڭ قۇيۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.
ئەتىگەندە ناشتا قىلىش
   خىزمىتى بار نۇرغۇن كىشىلەر، ئەتىگىنى ئىشقا ئالدىراپ، ھەمىشە ناشتا قىلمايدۇ ياكى يولدا خالىغانچە ئازراق بىرنەرسە سېتىۋىلىپ، بىر تەرەپتىن ماڭغاچ بىر تەرەپتىن يەيدۇ؛ بىراق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ناچار بولغان تۇرمۇش ئادەتلىرى. ئەتىگەنلىك ۋاقىت، ئادەم بەدىنى زور دەرىجىدە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشقا ئىھتىياجلىق بولىدىغان ۋاقىت بولۇپ، ئەگەر ناشتا قىلمىساق، ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يىتىشمەسلىكى كىلىپ چىقىپ، بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورگانىزىملىرىنىڭ ئىقتىدارىمۇ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىۋەرسە، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئەتىگىنى چوڭ تەرەت قىلىش
   ئادەم بەدىنىدە بىر كىچە تۇرۇپ قالغان زەھەرلىك ۋە كېرەكسىز ماددىلار، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا قارىتا ئىنتايىن پايدىسىز؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، مىتابولىزىم نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەتىگىنى چوڭ تەرەت قىلىش، ئاخشىمى چوڭ تەرەت قىلغاندىن ياخشى، چۈنكى ئەتىگىنى چىقىرىدىغىنىمىز، ئالدىنقى كۈنىدىكى كېرەكسىز ماددىلار بولىدۇ. ئەگەر ئەتىگىنى ئورنىمىزدىن تۇرغاندا، چوڭ تەرەت قىستىمىسا، بىر ئىستاكان ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسەك، چوڭ تەرەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.
ئەتىگەنلىكى ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش
   چىشىمىز ياخشى بولسا، ئىشتىھايىمىزمۇ ياخشى بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ئەتىگىنى چىشىنى چوتكىلاشقا ئىرىنىپ، بەزىبىر ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدىغان پۈركەلمىلەرنى ئىشلىتىپلا بولدى قىلىدۇ؛ بىراق، بۇ خىل قىلمىش، ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا زور دەرىجىدە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ ئېلىپ كىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号