ئامرىكا كاڭنەيئېر داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئالمىنىڭ نىرۋا ھۆجەيرىلىنى ئوكسىدلىنىش تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلاپ، كىشىلەرنىڭ تۇنۇش توسالغۇسى كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. نەشپۈت تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالا ماددىلىرى بولسا، باشقا ھەرقانداق مىۋە-چىۋىلەرگە قارىغاندا كۆپ بولۇپ، بوغما ئۈچەيدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بوغما ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
تۆۋەندىكى بەش خىل مىۋە، ئاستا خارەكتىرلىك كىسەللىكلەرنىڭ تەبىئى دۈشمىنى دەپ نام ئالغان.

ئالما چوڭ مىڭىگە پايدىلىق
تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئالما تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار بار بولۇپ، نىرۋا سېستىمىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساغلاملىق ئەھۋالىنى ياخشىلىيالايدۇ. ئامرىكا كاڭنەيئېر داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئالمىنىڭ نىرۋا ھۆجەيرىلىنى ئوكسىدلىنىش تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلاپ، كىشىلەرنىڭ تۇنۇش توسالغۇسى كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.
بۇندىن باشقا، ئالما شەربىتى ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدۇ؛ ئاچ قوساق ئالما يەپ بەرسە، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ، تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلغاندا بولسا ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولىدۇ. بىراق، ئالما تەركىبىدە ساخارىد تۈرلىرى ۋە كالىيلىق تۇز مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، بەك كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتكەندە، يۈرەك ۋە بۆرەك ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولىدۇ؛ شۇڭا، تاجىسىمان يۈرەك كىسەللىكلىرى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، بۆرەك ياللۇغى، دىئابىت كىسەللىكى قاتارلىق كىسەللىكلەر بار بولغان بىمارلار، ئالمىنى بەك كۆپ يەۋەتمەسلىكى كېرەك.

بانان يۈرەك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
بانان تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالا ماددىسى، كالىي ئىلمىنتى، ۋىيتامىنC قاتارلىقلار، ۋىيتامىن B6 بىلەن ماسلىشىپ رول ئويناپ، يۈرەكنىڭ ئەڭ ياخشى خىزمەت ھالىتىدە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
بانان، تىپىك بولغان يۇقىرى كالىيلىق يىمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەركىبىدە خولىستىرى يوق. ھەر 100گىرام بانان تەركىبىدىكى كالىي مىقدارى، 256مىللىگىرامغا يىتىدۇ؛ ئەكسىچە، ناترىينىڭ مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، 100گىرام بانان تەركىبىدە ئاران 0.8مىللىگىرام ناترىي بار. شۇڭلاشقا، تىبابەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئۇزۇقلۇقشۇناس، ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى زاتلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ھالدا، بانان يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ۋە ياخشىلىيالايدىغان مىۋە دەپ قارايدۇ.
ئۈزۈم ياغنى كۆيدۈرۈشكە پايدىلىق
ئۈزۈم تەركىبىدە ۋېراترول ماددىسى مول، بۇ ماددىنىڭ بولسا ياغ كۆيدۈرۈش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. ئامرىكا جورجىيا داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ۋېراترول ماددىسى، ياغ ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلىنىش تىزلىكىنى، نورمال سۈرئەتكە قارىغاندا 2.46ھەسسە تىز قىلالايدىكەن.
ئاپلىسىن قورۇقنى ئازلىتىدۇ
ئاپلىسىن تەركىبىدىكى ۋىيتامىن C، قۇياش نۇرى ۋە بۇلغىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان تىرە زەخمىلىنىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق قۇرۇقچىلارنى ئازلىتىپ، تىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەگ سۈپىتىنى ئاشۇرىدۇ.

نەشپۈت راك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
نەشپۈت تەركىبىدىكى يىمەكلىك تالا ماددىلىرى بولسا، باشقا ھەرقانداق مىۋە-چىۋىلەرگە قارىغاندا كۆپ بولۇپ، بوغما ئۈچەيدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىشكە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بوغما ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
بۇندىن باشقا، نەشپۈتنىڭ يەنە ھۆتەلنى توختىتىش، بەلغەمنى بوشىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار بولۇپ، ھۆتەل، قۇرۇق ئىسسىق، كاناي ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمما، نەشپۈتنىڭ تەبىئىتى سۇغۇق بولغاچقا، ئاشقازان-ئۆت سۇغۇقچان ۋە ئاجىز بولغان كىشىلەر، ئېغىزىدىن شۆلگەي ئېقىپ قالغانلار، ئىچى سۈرۈپ قالغانلار كۆپ ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك. يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتا، نەشپۈتنىڭ قەنت مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولغاچقا، دىئابىت كىسەللىكلىرى بىمارلىرى ئازراق ئىستىمال قىلىش لازىم.