پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كىتىشتىن قانداق ساقلىنىش كېرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
    كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، نۇرغۇنلىغان قوللىنىشچان چارە ئاماللار بار بولۇپ، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان كىچىك بىر نەرسىلەرنىڭمۇ زور پايدىلىق روللىرى بار بولۇشى مۇمكىن. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇرمۇشتىكى ئەمىلىي ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى بولغان نەچچە تۈرلۈك قوللىنىشچان چارىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   1. بەزىدە، ياغاچ پولنىڭ ئۈستىدە ماڭساق، پودىن غىچىرلىغان ئاۋازلار چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ ھەمدە ئۆيدىكى ئارام ئېلىۋاتقانلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ. بۇ ئەھۋالغا قارىتا، بىز پەقەت ياغاچ پولنىڭ ئارىلىقلىرىغا ئازراق بالىلار ئۇپىسى سېپىۋەتسەك، ئۇپا سىلىقلاشتۇرۇش رولىنى ئويناپ، پولنىڭ غىچىرلايدىغان ئاۋازىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
   2. يىڭى زىننەتلىگەن ئۆيدە، ھەمىشە بىر خىل سىر پۇرىقى بار بولۇپ، ئۇزۇنغىچە يوقىماي ساقلىنىپ قالىدۇ؛ بۇ خىل سىر پۇرىقىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بەلگىلىك زىيىنى بار بولغاچقا، ئادەم بۇنداق مۇھىتتا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرسا بولمايدۇ. ئۇنداقتا، بۇنداق پۇراقنى قانداق قىلىپ تىزراق يوقاتقىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭدا، بىز پەقەت چىنىدىن بىرنىڭغا ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، سىر پۇرىقى بار بولغان ئۆيگە قويۇپ قويساق، ئارىدىن ئىككى ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، ئۆيدىكى سىرنىڭ غەلىتە پۇراقلىرى پاكىزە يوقايدۇ.
   3. پادىچىلار ئىشتىنى ياكى باشقا پادىچىلار كىيىمى، ھازىر ھەممە ئادەمدە كەم قالمايدىغان بىر خىل مودا سەپلىمىگە ئايلىنىپ قالدى؛ بىراق، پادىچىلار رەختى، رەڭگى ئاسانلا ئۆڭۈپ كىتىدىغان بىر خىل رەخت ماتىريالىدۇر. ئۇنداقتا بۇنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كىرەك؟ پادىچىلار كىيىمىنى بىرىنچى قېتىم يۇيۇشتىن ئاۋال، ئۇنى قۇيۇق تۇز سۈيىگە چىلاپ قويساق بولىدۇ؛ بىراق، بۇ چىلاش ۋاقتى ئاز دىگەندىمۇ 12سائەت بولۇشى كېرەك، شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى پادىچىلار كىيىمىنى سېتىۋىلىپ كەلگەندىن كىيىنلا، ھېچقانداق يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قوشۇلمىغان تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇپ، چىلاپ بولغاندىن كىيىن سۇدا چايقىۋەتسەك، تېخىمۇ قولايلىقراق بولىدۇ ھەمدە پادىچىلار كىيىمىنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆڭۈپ كىتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
   4. ياز ۋە كۈز كۈنلىرىدە، پاشا-چىۋىن ۋە قۇرت-قوڭغۇزلاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئادەتتە، كىيىم يۇغاندىكى سوپۇن سۈيىنى تەخسىدىن بىرگە قۇيۇپ، پاشا-چىۋىن كۆپرەك جايغا قويۇپ قويساق، ئىككىنچى كۈنى نۇرغۇنلىغان پاشا-چىۋىنلەرنىڭ سوپۇن سۈيى يۈزىدە لەيلەپ قالغانلىقىنى بايقايسىز.
   5. ئەگەر ھەيىز مەزگىلىدە ئىشتىنىڭىزغا ئىھتىياتسىزلىقتىن قان دېغى يۇقۇپ بەرسە، سۇدا تالقىنى ئىشلىتىپ بۇ داغنى پاكىزلىۋەتكىلى بولىدۇ. سۇدا تالقىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن ئىشتاننى سۇغا چىلاپ نەمدەپ، سۇدا تالقىنىنى داغ ئورنىغا سۈرتۈپ يېرىم سائەت قويغاندىن كىيىن، سۇدا تالقىنىنى يۇيۇپ چىقىرۋەتسەك، ئىشتاندىكى داغمۇ يوقاپ ئەسلى ھالىتىگە قايتىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号