بۇ مۆچەلدىكىلەر ھەرقانچە ياخشى كۆرۈشسىمۇ بىر يەرگە كىلەلمەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5817:قېتىم كورۇلدى
   مۆچەل ئارقىلىق بىر-بىرىگە ماس كىلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش، قەدىمدىن تارتىپ بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ھازىرغا كەلگەندە بولسا بارغانسىرى كۆپ كىشىلەر 12مۆچەلگە ئىشىنىدىغان بولۇپ قالدى؛ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنىدىغىنىمىز بولسا، دەل مۇشۇ ھەقتىكى مەسىلە. تۆۋەندىكى نەچچە جۈپ مۆچەلدىكىلەر، بىر-بىرىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرۈشسىمۇ، ھەرگىز بىر يەرگە كىلەلمەيدۇ.
چاشقان يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن ئات يىلى تۇغۇلغانلار
   چاشقان يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن ئات يىلى تۇغۇلغانلار تۇغۇلما رەقىبلەردىن بولۇپ، بۇ ئىككى مۆچەلدىكىلەر بىريەرگە كەلسىلا، ئۆز-ئارا جىدەل قىلىشىپ، چىرايلىقچە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشالمايدۇ؛ نىمە توغرۇلۇق پاراڭلاشمىسۇن، ئۇلار ئوتتۇرسىدا ھامان زىددىيەت توقۇنۇش كۆرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىككى مۆچەلدىكىلەر ئەر-خوتۇنلاردىن بولالمايدۇ؛ راستىنلا توي قىلىپ بىر ئۆيگە كىرگە تەقدىردىمۇ، ئۆيىدە جىدەل قۇرىماي، مەڭگۈ ئارامخۇدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىرىشەلمەيدۇ.
ئىت يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن ئات يىلى تۇغۇلغانلار
   ئىت يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن توخۇ يىلى تۇغۇلغانلارنىڭ بىر يەرگە كىلىپ بىرىكەلمەسلىكى، تەبىئىي بىر مۇقەررەرلىك بولۇپ، ئەگەر ئۇلار مەجبۇرى ھالدا بىرگە بولۇپ توي قىلسا، توي تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك بولالىشىمۇ ناتايىن، كۆپىنچە يېرىم يوللۇق ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ قالىدۇ. ئىت يولى تۇغۇلغانلار يۇۋاش، ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، جۆرىسىگە سادىق كىلىدۇ؛ لىكىن توخۇ يىلى تۇغۇلغانلار، ئاددى تۇرمۇشقا قانائەت قىلماي، جۆرىسىگە قارىتامۇ ھىيلە-نەيرەك ئىشلىتىپ سالىدۇ، بۇ ئىككى مۆچەلدىكىلەر ھەقىقەتەن ماس كەلمەيدۇ.
چاشقان يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن يولۋاس يىلى تۇغۇلغانلار
   يولۋاس يىلى تۇغۇلغانلار بىلەن چاشقان يىلى تۇغۇلغانلارمۇ كىلىشەلمەيدۇ، ئۇلار ئۆز-ئارا دوستلاشسىمۇ، ئاسانلا گەپ تالىشىپ تەگىشىپ قالىدۇ؛ چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئوي-خىيالى ئەزەلدىن بىردەك ئەمەس. چاشقان يىلى تۇغۇلغانلار ھىيلىگە ۋە ئۆز بېشىمچە كىلىدۇ؛ يولۋاس يىلى تۇغۇلغانلار بولسا ئۇلاردىنمۇ بەكرەك ئۆز بېشىمچە كىلىدۇ، ھېكىم ماڭا يەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ئىككى مۆچەلدىكىلەر بىريەرگە كەلسە، دەسلىۋىدە ياخشى ئۆتىدۇ؛ ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەسلا بىر يولدىكى ئادەملەر ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号