قورۇما قورىغاندىكى بۇ تۆت خىل ئادىتىڭىزنى تاشلاڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5988:قېتىم كورۇلدى
   چۆمۈچ تۇتىدىغان ھەربىر ئادەمنىڭ، ئۆزىنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر كىچىك ئادەتلىرى بار؛ لېكىن، قورۇما قورۇش جەريانىدىكى بەزىبىر كىچىك ئادەتلەر بىزنىڭ تەن ساغلاملىقىمىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن، قورۇما قورۇش جەريانىدا، تۆۋەندىكى تۆت خىل خاتا ئادەتتىن ساقلانماق لازىم.
قورۇما قورىغاندا ماينى بەك قىزىتىۋىتىش
   يىڭى تاماق ئىتىشنى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلىنىڭ بىرسى، يىمەكلىك ماتىريالىنى قايسى ۋاقىتتا قازانغا سېلىش؛ بۇنداق ۋاقىتتا، بەزىلەر سىزگە قازاندىكى ماي قىزىپ بۇس ئۆرلەشكە باشلىغاندا سېلىش كېرەك دەپ تەكلىپ بىرىشى مۇمكىن. ئەمىلىيەتتە، بۇ ئۇسۇل خاتا.
   بىلىشىڭىز كىرەككى، قازاندىكى مايدىن بۇس ئۆرلەشكە باشلىغان ۋاقىتتا، بۇ ۋاقىتتىكى ماينىڭ تىمپىراتۇرسى 200سىلتسىيە گىرادوستىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ؛ بۇندا يۇقىرى تىمپىراتۇردا، يىمەكلىلەرنى قازانغا سالساق، يىمەكلىك تەركىبىدىكى نۇرغۇن ئۇزۇقلۇق ماددىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، سەي كاۋىسى، پىياز، پىدىگەن قاتارلىق كۆكتاتلارنى يۇقىرى تىمپىراتۇرلۇق مايدا داغلاپ قورۇساق، بەلكىم ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان ئاكرىلىن ھاسى قىلىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، ئادەم بەدىنىگە ئىھتىياجلىق بولغان ياغ كىسلاتاسىمۇ ئوكسىدلىنىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، قورۇما قورۇش جەريانىدا، ماينىڭ تىمپىراتۇرسىنى 180-150سىلتسىيە گىرادوس ئەتراپىدا كونتىرول قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. قازان بىلەن ماي تازا قىزىپ بولالمىغان ھالەتتە يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى قازانغا سېلىپ قورۇما قورىساق، يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ياغدا ئىرىشچان ۋىيتامىنلار ۋە باشقا ھەرخىل ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ئەڭ زور جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىشقا بولىدۇ، كۆكتاتنىڭ تەمىگىمۇ تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
   كىچىك تاكتىكا:  بامبۇك چوكىنى قازاندىكى مايغا تىقىپ باقساق، چوكا ئەتراپىدىن نۇرغۇنلىغان كۆپۈكچىلەر ئۆرلەپ چىقىشقا باشلىغان ۋاقىت، يىمەكلىك ماتىرياللىرىنى قازانغا سېلىپ قورۇشنى باشلاشتىكى ئەڭ ياخشى پەيت ھىسابلىنىدۇ.
قورۇما قورۇپ بولغاندىن كىيىن قازاننى يۇماسلىق
   ئىلىم پەننىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تىگى چاپلاشماس قازانلار بازارغا سېلىندى. نۇرغۇن كىشىلەر، چاپلاشماس قازاننىڭ تىگىگە ئالاھىدە ماتىرياللار يالىتىلغان، قورۇما قورۇپ بولغاندىن كىيىن بىر چايقىۋەتسەكلا بولىدۇ، سوپۇنلاپ يۇيۇش كەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇمۇ بىر خىل خاتا قاراش.
   چۈنكى، يۇقىرى تىمپىراتۇرىدا قورۇما قورۇش جەريانىدىكى ماي، ئەگەر پاكىز يۇيۇپ چىقىرۋىتىلمەي، قايتا-قايتا ئىشلىتىلگەندە، تەركىبىدىكى تەتۈر ياغلار ۋە ھەرخىل زىيانلىق ماددىلار بارغانسىرى ئېشىپ كىتىدۇ، بۇ ئەھۋال ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولىدۇ.
قورۇما قورۇپ بولغاندىن كىيىن ماي ئالماشتۇرماسلىق
   تىجەشلىك بىلەن ئۆي باشقۇرىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر، يىمەكلىك داغلاشتا ئىشلەتكەن ماينى تۆكىۋىتىشكە كۆز قىيماي، ئۇنى ئېلىپ قېلىپ، كىيىنكى قېتىم قورۇما قورىغاندا ئىشلىتىدۇ. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. سەۋەبى، ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، يۇقىرى تىمپىراتۇردا قىزىتىلغان ماي، قايتا-قايتا ئىشلىتىلگەندىن كىيىن، تەركىبىدىكى تەتۈر ياغ كىسلاتالىرى ۋە زىيانلىق ماددىلار زور دەرىجىدە ئېشىپ كىتىپ، ئادەمنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىسىز بولىدۇ.
قورۇما قورۇپ بولۇپ، بۇستاتقۇنى دەرھال ئۆچۈرۋىتىش
   ئەگەر قورۇما قورىغان ۋاقىتتا، قازان بەك قىزىپ كەتسە، زىيانلىق ماددىلارنىڭ قويۇپ بىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ ماي بۇسلىرى بەدەنگە سۈمۈرۈلسە، ئادەمنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇستاتقۇ بولسا، بۇ كىرەكسىز گازلارنى سۈمۈرۈپ يوقىتىش جەھەتتە چوڭ رول ئوينايدۇ.
   ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەر قورۇما قورۇپ بولۇپلا بۇستاتقۇنى ئىتىۋىتىشكە ئادەتلەنگەن؛ لېكىن، بۇستاتقۇنىڭ كىرەكسىز گازلارنى سۈمۈرىشىگە بەلگىلىك ۋاقىت كىتىدىغان بولغاچقا، قورۇما قورۇپ بولۇپلا بۇستاتقۇنى ئىتىۋەتسەك، ئاشخانىدىكى كىرەكسىز گازلار تۇلۇق چىقىرۋىتىلمەي قالىدۇ.
   شۇڭا، ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، قورۇما قورىغان ۋاقتىڭىزدا، ئاشخانىنىڭ ئىشىكىنى ئىمكان قەدەر ئىتىۋىتىشىڭىز ھەمدە قورۇما قورۇپ بولغاندىن كىيىن، بۇستاتقۇنى 5-3مىنۇت ئەتراپىدا ماڭغۇزۇپ ئاندىن توختىتىۋىتىشىڭىز لازىم.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号