يېقىندا پىدىگەننى بۇ ئۇسۇلدا يىيىش مودا بوپتۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5838:قېتىم كورۇلدى
   پىدىگەننىڭ تەييارلاش ئۇسۇللىرى ئىنتايىن كۆپ، ئەمما بۈگۈنكى بۇ خىل تەييارلاش ئۇسۇلىنى سىز چوقۇم سىناپ باقمىغان. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، باشقىچە بىر خىل پىدىگەن تۇخۇم توقىچى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز؛ بۇ تائامنى تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يوقىرى، چوقۇم چوڭ-كىچىك ھەممەيلەنگە تېتىيدۇ.
كىتەرلىك ماتىريال
   پىدىگەن، پىياز، تۇخۇم، سەۋزە، غولپىياز
خۇرۇچ ماتىريالى
   تۇز، ئاقمۇچ، ئۇن
 
تەييارلاش ئۇسۇلى
 
-1-
   پىدىگەننى يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن، ئىككى-ئۈچ سانتىمىتىر قېلىنلىقتا توغراپ، ئوتتۇرسىنى ئويۇپ ئېلىۋالىمىز؛
   ئويۇپ ئېلىۋالغان قىسىمنى ئۇششاق قىيما قىلىپ توغرايمىز؛
 
-2-
   قىيما قىلغان پىدىگەننى چوڭراق بىر چىنىگە سېلىپ، ئۈستىگە ئوخشاشلا ئۇششاق قىيما قىلىپ توغرالغان سەۋزە، پىياز ۋە غولپىيازلارنى قوشقاندىن كىيىن، ئۈستىگە يەنە تۇخۇمدىن ئىككىنى چاقىمىز، ئاخىرىدا بىر قوشۇق تۇز، بىر قوشۇق ئاقمۇچ، 10گىرام ئۇن قوشقاندىن كىيىن ماتىرياللارنى تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛
 
-3-
   ئاستى تۈز قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، ئوتتۇرىنى ئويۇپ ئېلىۋەتكەن پىدىگەن چەمبىرىكىنى قازانغا سېلىپ، ئوتتۇرلىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىغان قىيمىنى توشقۇزىمىز؛
   ئىككى يۈزى سارغىيىپ پىشقىچىلىك داغلىساق تەييار بولىدۇ.
   بۇ تائامنىڭ ئىچىدە كۆكتات ھەم تۇخۇم بار بولۇپ، ئۇزۇقلۇق تەركىبى نىسبەتەن تۇلۇق، ئىنىرگىيىسى يۇقىرى، ئەتىگەنلىك ناشتىغا ئەڭ مۇۋاپىق كىلىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号