ئەرلىك سالاپەت دىگەن نىمە؟ ئاياللىق نازاكەت دىگەنچۇ؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5812:قېتىم كورۇلدى
   بۇ مەسىلىگە قارىتا، مىنىڭ قارىشىم: ئەرلەرنىڭ ئەركىشىدەك ھالىتى بار بولۇش، ئاياللارنىڭ ئايال كىشىدەك ھالىتى بار بولۇش.
   ئاتالمىش ئەرلىك سالاپەت، ئەرلەرنىڭ ئۈستىدىكى مەپتۇن قىلارلىق ۋە جەلپكارلىقنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئەرلەرنىڭ قەيسەرلىكى، ساددىلىقى ۋە سۆلىتىنىڭ گەۋدىلىنىشى.
   ئەرلىك سالاپىتىگە ئىگە بىر ئەركىشى، ئۇنىڭ پىسخىكىسى پىشىپ يىتىلگەن، كۆكسى-قارنى كەڭ، بىر ئىشلاردا ئەستايىدىل ھەم مەسئۇلىيەتچان كىلىدۇ؛ قالايمىقان ئىشلارغا ئارىلىشىپ ناتوغرا قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، ئەمما ھەرقانداق قىيىنچىلىققا يۈزلىنىشكە جاسارىتى بار بولىدۇ. ئۇلار ئائىلىسىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ تىرەك بولۇپ كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان ئەر، دادا، پەرزەنت بولالايدۇ.
   ئاياللىق نازاكەت بولسا، ئاياللارنىڭ ئۆزگىچە بولغان مەپتۇن قىلارلىقى ۋە جەلپكارلىقى بولۇپ، ئاياللارنىڭ مۇلايىملىقى، ئاق كۆڭۈللۈكى ۋە پاراسىتىنىڭ گەۋدىلىنىشى.
   ئاياللىق نازاكىتىگە ئىگە بىر ئايال، سىرتقا قارىتا كۈچلۈك ئاياللاردىن بولالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئۆيىنى ياخشى تۇتالايدىغان كۈيۈمچان ئايال بولالايدۇ. تۇرمۇش ۋە ھىسياتقا قارىتا، ئۇلاردا بىر خىل تەمكىنلىك ۋە سالماقلىققا تولغان روھى ھالەت بار بولۇپ، زومىگەرلىك قىلمايدۇ ۋە يولسىزلىق قىلمايدۇ، ئەمما ئايرىلىپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرەپمۇ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلىدىغان بولۇپ، ئاددى-ساددا كۈنلەرنىمۇ، ناھايىتى خۇشال ھەمدە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى بىلىدۇ.
   قەدىمدىن تارتىپ، ئەرلەر جاسارەت ۋە قەھرىمانلىقنىڭ ۋەكىلى، ئاياللار بولسا گۈزەللىك ۋە مۇلايىملىقنىڭ ۋەكىلى. مەيلى ئەرلىك سالاپەت بولسۇن ياكى ئاياللىق نازاكەت بولسۇن، بۇنىڭ بىر كونكىرتنى ئۆلچىمى يوق؛ لېكىن، يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان ئەرلەر ۋە ئاياللار، خۇددى تۇغۇلما ماگنىت مەيدانىغا ئىگە بولغاندەك، باشقىلار ئىختىيارسىز ھالدا ئۇلار تەرپىدىن جەلپ قىلىنپ، ئۇلارنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.

بەش ئەزايىمىزدىكى ئۆزگىرىشلەر ساغلاملىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك

بەش ئەزا، ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزالار بولۇپ، ئۇلار بەدەندىكى بەش ئىچكى ئەزا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر بەش ئەزايىمىزدا بىئاراملى

قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىلان زەھىرىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇش

ئەنگىلىيە لوندون شەھرىدە سىتىف.لۇدىۋىن ئىسىملىك، 49ياشلىق بىر ئەر بار؛ ئۇ ھەركۈنى ئۆيىدىن چىقاي، ئەرمەك يىلان بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولۇپ

ئاياللارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە زىيانلىق

تويلىشىش تۇرمۇشى ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىگە ئىھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ قامدىشىغا ت

يۈز يىل ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان جەمەت

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئ

سىز سېمىزرەك ئاياللارنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئۇرۇق ئاياللارنىمۇ

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇ

يىگىرمە ئۈچ يېشىدا ئون بىر بالىغا ئۆگەي دادا بولغان يىگىت

ئۇ ئىككىسى، ئايرۇپىلاندىكى يولۇچىلارغا تەمىنلىنىدىغان قاچىلىق تاماق تەييار قىلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلاردىن بولۇپ، ئىۋ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号